تەشكىلاتلار بىرلىكى خىتاينىڭ قامال سىياسىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى خىتاينىڭ يېقىندىن بېرى ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆيلىرىگە قاماپ، رەھىمسىزلەرچە قىيناش قىلمىشلىرىغا قارشى نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلدى.

25-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان باياناتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا باشلانغان خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ چەت ئەلدىن كىرگەنلىكىنى دەۋا قىلغانلىقى، ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندا تارقالغان خىتاي ۋىرۇسىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كەلگەن خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىكى، خىتاي يولغا قويغان ئىشىكلەرنى تاقاپ رەھىمسىزلەرچە قامال قىلىش قىلمىشىنىڭ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى پىرىنسىپلىرىغا قارشى ھەرىكەت ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ غۇلجىدا يولغا قويغان قامالدا خەلقنىڭ ئاچلىقتا قاتتىق قىينالغانلىقى، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى، خىتاي ئايرىم تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىش نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى لاگېرسىمان ئورۇنلارغا قامىغانلىقى قاتارلىق نۇقتىلار قەيت قىلىندى.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا خىتاي تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نۆۋەتتە ئاتالمىش «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش» باھانىسى بىلەن ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنىڭمۇ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، ب ت د كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندە قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىشكە چاقىرىلدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1487 قېتىم كۆرۈلدى
26/08/2022 12:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق