گېرمانىيەنىڭ بىر تەتقىقات ئورگىنى يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ چەت ئەل شىركەتلىرىنى سىياسىي جەھەتتە خىتاي بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى، خىتاي سەزگۈر دەپ قارىغان مەسىلىلەردىكى «قىزىل سىزىق»نى تېخىمۇ كېڭەيتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 25-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە پايتەختى بېرلىنغا جايلاشقان مېركاتور خىتاي ئىشلىرى تەتقىقات مەركىزى ۋە گېرمانىيە سانائەت جەمئىيىتى بىرلىكتە 100 دىن ئارتۇق شىركەتنى تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئاساسىدا بىر دوكلات تەييارلىغان.
دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمىنىڭ چەت ئەل شىركەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىش قىلمىشى بارغانچە ئاشقان بولۇپ، 2018-يىلىدىن باشلاپ مەلۇم بولۇشقا باشلىغان بۇ مەسىلىلەر كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن. تەتقىقات دوكلاتىنىڭ ئورتاق يازغۇچىسى، مېركاتور خىتاي ئىشلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى مەكس زېنگلېيننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دوكلات خىتاينىڭ قاچان ۋە قانداق بېسىم ئىشلىتىش ئەندىزىسىنى چۈشىنىش ھەققىدە ئىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىگىلىك ھوقۇق» مەسىلىسىدىن باشقا، ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى سوئاللار، خۇاۋېي قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرىگە قارىتىلغان جازالار، خىتايغا قارشى دەپ بېكىتىلگەن سىياسىي پارتىيەلەرنى قوللاش قاتارلىق مەسىلىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ نۆۋەتتىكى يېڭى «قىزىل سىزىقلىرى» دەپ قارالغان. مەسىلەن: گېرمانىيەنىڭ ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى دايملېر 2018-يىلى بىر ئېلانىدا دالاي لامانىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبلىك، خىتايدىن كۆپ قېتىم كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر بولغان.
تەتقىقاتچىلار دوكلاتتا يەنە: «شىركەتلەر نىشانغا ئېلىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن، چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدا ناھەق مۇئامىلىگە ئۇچراش مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب قايتۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى مۇمكىن ياكى ئۇلار خىتاينىڭ مەيدانى ۋە نىشانى بىلەن ماسلىشىش ئەڭ بىخەتەر، دەپ قارىشى مۇمكىن» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ