تۈركىيە پارلامېنتى رەئىسى مۇستافا شەنتوپ خىتاي قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى لى جاڭشۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن سىنلىق يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سىتار تورىنىڭ 24-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە پارلامېنتى رەئىسى مۇستافا شەنتوپ پارلامېنتلار ئارا قەرەللىك سۆھبەتلىشىش ۋە ئۆزئارا زىيارەتنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە: «بىز خىتاي بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك سودىمىزنى تېخىمۇ تەڭپۇڭ ۋە سىجىل ھالدا داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. خىتاينىڭ تۈركىيەگە سالغان مەبلىغىنىڭ ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.
مۇستافا شەنتوپ سىنلىق يىغىندا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن مۇھىم ئورنى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىزنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن مىللىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋىتىمىز بار. تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى ئېنىق، سەمىمىي ۋە ئەخلاققا ئۇيغۇن. باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئىرقداش ۋە قېرىنداش مىللەتلەرنى ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان چۈشەنچىمىز يوق. بىز بۇ كىشىلەرنى ئۆز دۆلىتى بىلەن دۆلىتىمىز ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك، ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ پۇرسىتى دەپ قارايمىز، بىز سىياسىتىمىزنى بۇ يولدا داۋاملاشتۇرىمىز. بىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتتە كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە بولغان بىر مۇھىتتا گۈللىنىش ئىچىدە خاتىرجەم ياشىشىنى، ئۆز دۆلىتىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر پۇقراسى بولۇش سۈپىتىدە ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىگە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 47 دۆلەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قىلىۋاتقان زوراۋان قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىگەن، ب د ت نى شەرقىي تۈركىستانغا دەرھال مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنى ئەۋەتىپ تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە خىتاينى ب د ت تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ رايوننى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشقا چاقىرغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ