ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى ئاشكارىلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ تور دۇنياسىنى كونترول قىلىش ۋاسىتىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە دۇنيا مىقياسىدا سۆزلەش ھوقۇقىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 24-ئاۋغۇست دوكلات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ قاتتىق دىپلوماتىيە ئۇسۇلىدىن، چەت ئەلدىكى خۇسۇسىي تاراتقۇلار ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، تور دۇنياسىنى كونترول قىلىپ، خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى جامائەت پىكرى ۋە سۆزلەش ھوقۇقىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خەلقئارالىق يالغان تەشۋىقاتقا قارشى تۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يەرشارى ئالاقە مەركىزى 24-ئاۋغۇست خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا دۇنيا جامائەت پىكىرىنى كونترول قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان.

دوكلاتتا خىتاينىڭ خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كونترول قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت ئەزالىرىغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ھەققىدە دوكلات تەييارلىغان مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا تۆھمەت چاپلىغانلىقى تەنقىدلەنگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە توقۇلما سۆز ۋە ھېكايىلەرنى ياساپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەنقىد قىلغان كىشىلەرنى بېسىقتۇرماقچى بولغانلىقى، ئۇلارنى چەتكە قېقىپ ياللانما خىتاي تەنقىدچىلىرى ئارقىلىق پاراكەندە قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار پائالىيەت مەركىزىنىڭ يېقىندا خىتاي ۋە رۇسىيە دائىرىلىرى قوللىغان يالغان تەشۋىقات ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى كۈچەيتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئۇچۇر تەشۋىقات ئىستراتېگىيەسى زور مىقداردىكى تور مەزمۇنلىرى ئارقىلىق خەلقئارا ئۇچۇر مۇھىتىنى كونترول قىلىپ، خىتاينىڭ مەقسىتىگە زىت مەزمۇنلارنى زىيارەت قىلىشنى چەكلىگەن. خىتاي سىياسىتىنى قوللايدىغان يالغان ئوبرازلارنى ياساپ چىقىپ، خىتاينى تەنقىدلەيدىغان تەنقىدچىلەرنى بېسىپ چۈشمەكچى بولغان. خىتاي ئۇچۇر تارقاتقۇچىلىرى مۇرەككەپ سۈنئىي ئۇسۇل بىلەن ياساپ چىققان رەسىملەرنى ئىشلىتىپ، ساختا ئۇچۇرلار ئارقىلىق ھەقىقەتنى ساختا قىلىپ كۆرسىتىشكە ھەرىكەت قىلغاندىن باشقا، رەقەملىك دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ۋە تور ھۇجۇمى ئارقىلىق خىتايغا قارشى پىكىرلەرنى باستۇرغان.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش، ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان بىر قىسىم رەزىل ۋاسىتىلىرى كۆرسىتىلگەن. خىتاي قوللانغان رەزىل ۋاسىتىلەر بولسا: بىرىنچىسى خىتاينى تەنقىدلەيدىغان سۆزلەرنى بېسىش، ئىككىنچىسى خىتاينى قوللايدىغان يالغان ئوبرازلارنى ياساپ چىقىش بولۇپ، 2021-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتاينى قوللايدىغان 300 دىن ئارتۇق ساختا ھېسابات ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە مىڭلىغان سىنلارنى ئېلان قىلغان. ئۈچىنچىسى بولسا سۈنئىي ئىدراك ئارقىلىق ساختا رەسىم ياساپ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش، تۆتىنچىسى دۆلەت ھالقىغان باشقا پىكىرلارنى باستۇرۇش، بەشىنچىسى تەشۋىقاتنى مۇھىم نۇقتا قىلىش، ئالتىنچىسى مۇستەقىل تاراتقۇلارنىڭ تەنقىدىگە يالغان بايانلار بىلەن رەددىيە بېرىش، يەتتىنچىسى توقۇلما ھېكايىلەرنى ياساپ تەشۋىق قىلىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىش، سەككىزىنچىسى ئاتالمىش «ھەر مىللەت باراۋەر» سەپسەتىسىنى ئىشلىتىپ تەنقىدتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش قاتارلىقلار ئىكەن.

دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق خەلقئارانىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا قارىماي، مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئاكادېمىكلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى كۆپ قېتىم گۇۋاھچىلارنىڭ ئىسپاتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئادەمنى سەۋەبسىز تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان ھەمدە تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىدا خىتاينىڭ قىيناش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش ۋە باشقا ۋەھشىي قىلمىشلىرىنى ئىشەنچلىك پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ چىققان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1331 قېتىم كۆرۈلدى
25/08/2022 14:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق