ئامېرىكا خىتاينىڭ يەنە يەتتە ئورگىنىنى ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 23-ئاۋغۇست ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتاينىڭ يەتتە ئورگىنىنى ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئىكەن.
ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خىتاينىڭ يەتتە ئورگىنى خىتاي ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا شىركىتى توققۇزىنچى تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ 771-، 772-تەتقىقات ئورنى، خىتاي ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ 502-تەتقىقات ئورنى، خىتاي ئالەم قاتنىشى تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ 513-تەتقىقات ئورنى، خىتاي ئېلېكتىرونلۇق تېخنىكا گۇرۇھى شىركىتى 43-تەتقىقات ئىنستىتۇتى، خىتاي ئېلېكتىرون تېخنىكا گۇرۇھى 58-تەتقىقات ئورنى ۋە جۇخەي ئوربىتا ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىكەن.
ئۇقتۇرۇشتا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر يەتتە ئورگىنى خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتە زامانىۋىلىشىش ھەرىكىتىنى قوللاش ئۈچۈن، ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تاشقى سىياسەت مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى سەۋەبلىك جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
ئامېرىكا مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى ئالان ئېستېۋېز: «ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ۋە ئالەم قاتنىشى پائالىيىتىنى قوللايدىغان تېخنىكا خىتاينىڭ ھەربىي ساھەدە زامانىۋىلىشىش ھەرىكىتىنى قوللاشقا ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەك. بىز تېخنىكا يۆتكەشنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە بۇ ئورگانلارنى نازارەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز. سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسى ھوشيارلىقنى ساقلاپ، زۆرۈر تېپىلغاندا كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، سەزگۈر تېخنىكىمىزنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە خىتاينىڭ 600 گە يېقىن ئورگىنى ئامېرىكىنىڭ جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بايدېن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان 110 دىن ئارتۇق خىتاي ئورگىنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ