خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتمەكتە

نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا سىجىل يۇقىرىلاپ، توك بىلەن تەمىنلەش جىددىي بولۇش ھەمدە توك يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەن. خىتاي بۇ مەزگىلدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقى ھەمدە توكىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ خىتاينى تەمىنلەشكە ئىشلەتكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 24-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغان بولۇپ، يېقىنقى نەچچە يىلدا غايەت زور مىقداردىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەن. 22-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ئېلېكتىر تورى ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ليۇ ۋېنلۇڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى تۈرلۈك توك چىقىرىش مەنبەلىرى ئارقىلىق توك تارقىتىشنى ئاشۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مول كۆمۈر ئېلېكتىر، شامال ئېلېكتىر ۋە يورۇقلۇق ئېنېرگىيە قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيەلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ خىتايغا توشۇپ، خىتايدىكى توك يېتىشمەسلىك جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتكەن.

ليۇ ۋېنلۇڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇپ، 16-ئاۋغۇست كۈنى، سانجى - گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ يەتكۈزۈش قۇۋۋىتى 11 مىليون كىلوۋاتقا تەڭشىلىپ، كۈندىلىك توك يەتكۈزۈش مىقدارى 241 مىليون 900 مىڭ كىلوۋات سائەتكە يەتكەنلىكىنى، بۇ يىلدىن بۇيان سانجى-گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇۋۋىتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم تەڭشەپ كۆپەيتىلىپ، يىل بېشىدىكى 9 مىليون كىلوۋاتتىن ھازىرقى 11 مىليون كىلوۋاتقا ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى، دۇنيا بويىچە توك يەتكۈزۈش قۇۋۋىتى ئەڭ چوڭ بولغان تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىغا ئايلانغانلىقىنى، 2022-يىلى سانجى-گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بويىچە خىتايغا يۆتكەلگەن توك مىقدارىنىڭلا 56 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئالدىنقى يەتتە ئايدا ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» نامىدا خىتايغا يۆتكەلگەن توك مىقدارى 72 مىليارد 871 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.3 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، سانجى-گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 36 مىليارد 66 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.55 ئاشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ توكىنى يەنىمۇ كۆپ مىقداردا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى نىشان قىلغان 3-تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش يولى، قۇمۇل-چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا نەق مەيداننى چارلاپ تەكشۈرۈش ۋە ئورۇن تاللاش، لىنىيە تاللاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى دەسلەپكى قەدەمدە تاماملىغان بولۇپ، بۇ ساھەدە بۇ يىل ئىچىدە قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ مۇھىت بۇلغايدىغان سانائەت مەركەزلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىستىمال قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ «شەرقىي تۈركىستانغا سانائەت رايونلىرىنى قۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇردۇق» دېگەن تەشۋىقاتلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش بىلەن بىرگە، مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1028 قېتىم كۆرۈلدى
25/08/2022 13:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق