شى جىنپىڭ ئىككى يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ سىرتىغا چىقماقچى

2020-يىلدىن باشلاپ خىتايدىن ئايرىلمىغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزبېكىستانغا بارىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى ئۈچۈن سەمەرقەنتكە بارىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن شىنىڭ رۇسىيە پرىزدېنتى پۇتىن ۋە پرېزىدېنت ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

CNN تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ يىل ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنتتە ئېچىلىدىغان بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭمۇ 15-، 16-سېنتەبىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئەگەر بۇ ئەمەلگە ئاشسا، شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ۋىرۇسىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم چەتئەلگە چىقىشى بولىدىكەن.

يەنە بىر پەرەز بولسا، شى جىنپىڭنىڭ سەمەرقەنتتە رۇسىيە رەھبىرى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە پرېزىدېنت ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى بولۇپ، شى نىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقى تېخى رەسمىي دەلىللەنمىگەن.

ئەڭ دىققەت قىلىنىۋاتقان نۇقتا بولسا، شى جىنپىڭنىڭ 2020-يىلى 1-ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ سىرتىغا چىقىدىغانلىقى بولۇپ، ۋىرۇس تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن چېگراسىنى تاقىغان خىتاينىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن چىقىشىنى زور دەرىجىدە چەكلەش بىلەن، چەتئەللىكلەرنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى قىيىنلاشتۇرغانلىقى ۋە نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى قامالنىڭ ئىنتايىن كۈچەيگەنلىكى بولغان.

ئىككىنچى مۇھىم نۇقتا ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كۈزدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 20-قۇرۇلتىيى بولۇپ،  قۇرۇلتايدا يەڭگۈچى خىتاينىڭ يېڭى رەئىسى بولۇپ سايلىنىدۇ، شۇڭا شى جىنپىڭنىڭ ساياھەتكە چىقىشى ئۇنىڭ پرېزىدېنتلىققا سايلانغانلىقىنى بالدۇر ئېلان قىلغانلىق دەپ قارىلىدىكەن.

ئۈچىنچى ئامىل پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈش بولۇپ، بۇ ئىككەيلەن ئەڭ ئاخىرىدا بېيجىڭدا كۆرۈشكەنىدى. پۇتىنغا نىسبەتەن بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن «يالغۇز قالغان رۇسىيە» ئوبرازىنى خىتاي بىلەن يوق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. پرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ «دىئالوگ ھەمراھى» سالاھىيىتى بىلەن ئىككى رەئىس بىلەن كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1526 قېتىم كۆرۈلدى
24/08/2022 15:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق