مەركىزى قازاقىستانغا جايلاشقان خەلقئارالىق تۈرك ئاكادېمىيەسى بىلەن موڭغۇلىيە ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئۆتۈكەن رايونىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە، كۆلتېگىن ۋە بىلگە قاغاننىڭ ئاتىسى ئىلتەرىش قۇتلۇق قاغاننىڭ قەبرىسى ۋە ئۇنىڭ نامىغا پۈتۈلگەن مەڭگۈتاش تېپىلدى.
قازاقىستاندىكى خەلقئارالىق تۈركىي خەلقلەر ئاكادېمىيەسى رەئىسى پىروفېسسور دوكتور تارخان خىزىرئەلى 23-ئاۋغۇست بۇ خەۋەرنى جاكارلىغان بولۇپ، مەڭگۈتاشلاردىكى خەتلەرنىڭ تۈركچە (ئورخۇن يېزىقى) ۋە سوغدىچە ئىكەنلىكىنى، ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشقا ئالاقىدار تەپسىلاتلارنىڭ ئۇلانباتوردا ئۇيۇشتۇرۇلۇشى پىلانلانغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا ئۇقتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ خەۋەر قازاقىستان تاراتقۇلىرىدا «ئۆتۈكەن رايونىدا ئاجايىپ يېڭىلىق» دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئارخېئولوگىيەلىك ئىلمىي تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۆتۈكەننىڭ نومغون ۋادىسىدا كۆلتېگىن ۋە بىلگە قاغاننىڭ ئاتىسى، تۈرك قاغانلىقىنى قايتا تىكلىگەن ئۇلۇغ ئىلتەرىش قۇتلۇق قاغاننىڭ قەبرىسىنى تاپقانلىقىنى، ھەشەمەتلىك قەبرىدە تېپىلغان مەڭگۈتاشتا تۈرك تارىخىنى بېيىتىدىغان ئورخۇن ۋە سوغدى يېزىقلىرىدا پۈتۈكلەر بارلىقى بىلدۈرۈلدى. باشقا يېڭىلىقلار بولسا ئۇلانباتور ئاخبارات ئېلان قىلىش مەركىزىدە ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان يىغىندا ئاشكارىلىنىدىكەن.
ئىلتەرىش قۇتلۇق قاغاننىڭ ئەسلى ئىسمى ئاشنا قۇتلۇق بولۇپ، ئىلتەرىش ئۇنىڭ ئۇنۋانى، يەنى «چېچىلىپ كەتكەن ئەلنى توپلىغان قۇتلۇق قاغان» دېگەن مەنىدە. ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى ئىتمىش بەگ بولۇپ، كۆكتۈرك دۆلىتىنى قۇرغان قاغان جەمەتىدىن. ئىلتەرىش قۇتلۇق قاغان 681-يىلى تاڭ سۇلالىسىغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، 17 دوستى بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ تەختىنى قايتا تىكلەپ، ئەللىك يىلدىن بۇيان باشسىز قالغان، پىتىراپ كەتكەن تۈرك خەلقىنى يىغقان ۋە ھۆكۈمدار تەختىگە ئولتۇرغان. بەزى تارىخچىلار ئۇ قۇرغان دۆلەتنى «قۇتلۇق دۆلىتى» دەپمۇ ئاتاشقان.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر