شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتتىق قامال داۋام قىلماقتا

شەرقىي تۈركىستاندا 23-ئاۋغۇست بىر كۈن ئىچىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدىن 169 ى كۆپەيگەن بولۇپ، خىتاي يۇقۇم باھانىسى بىلەن خەلققە قاراتقان باستۇرۇش ۋە نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تەۋە توققۇز ناھىيە ئىككى ۋىلايەتتە ۋىرۇسنىڭ نۆلگە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي جۇڭشىن تورىنىڭ 24-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، 23-ئاۋغۇست كۈنى كەچ ئاتالمىش «شىنجاڭ» ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرى ۋىرۇسنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 0 دىن 24 كىچە، شەرقىي تۈركىستاندا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدىن 169 كىشىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەنلىكىنى، مەزكۇر يېڭىدىن كۆپەيگەن ۋىرۇس يۇقۇمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى، غۇلجا ئوبلاستى، سانجى ئوبلاستى، كورلا، قۇمۇل، قۇتۇبى قاتارلىق رايونلىرىدا تارقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

يىغىندا يەنە، ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا ئىلگىرى يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەن رايونلاردىن خوتەن شەھىرى، بۇرچىن ناھىيەسى، ئالتاي شەھىرى، توقسۇ ناھىيەسى، ئاقسۇ شەھىرى، ساۋەن شەھىرى، دۆربىلجىن ناھىيەسى، كۇچا شەھىرى، داۋانچىڭ رايونىدىن ئىبارەت توققۇز ناھىيە، شەھەر، رايوننىڭ ھەممىسىدە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ نۆلگە چۈشكەنلىكىنى، خوتەن ۋە ئالتاي ۋىلايىتىدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇميۈزلۈك نۆلگە چۈشكەنلىكىنى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئۇدا ئون كۈن، قىزىلسۇ ئوبلاستىدا ئۇدا توققۇز كۈن، قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۇدا يەتتە كۈن، بۆرتالا ئوبلاستىدا ئۇدا ئالتە كۈن، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە ئۇدا تۆت كۈن يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچى كۆپەيمىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئەمما خىتاي ۋىرۇس نۆلگە چۈشتى دەپ ئېلان قىلىۋاتقان شەھەر رايونلارنىڭمۇ ھېلىھەم قامال ئىچىدە ئىكەنلىكى، خەلقنىڭ ئېغىر ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكى ھەققىدە تارقىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر، خىتاينىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ باشقا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1148 قېتىم كۆرۈلدى
24/08/2022 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق