خىتايدا داۋام قىلىۋاتقان يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە قۇرغاقچىلىق شاڭخەي قاتارلىق خىتاينىڭ جەنۇبتىكى شەھەرلىرىدە توك يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، سىچۈەن ئۆلكىسى توكقا قاتتىق چەكلىمە قويۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، توك يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە كەم كۆرۈلىدىغان توكنى چەكلەش تەدبىرىنى ئېلان قىلغان. ساھىلدىكى چىراغلار ئۆچۈرۈلگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يازنىڭ بېشىدىن باشلاپ، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرلەر يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە قۇرغاقچىلىق ھاۋارايىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا 7- ۋە 8-ئاۋغۇست چاڭجياڭ دەرياسى ئويمانلىقىدا ھۆل-يېغىن مىقدارى تۆۋەن بولۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۇ ئورنى ئۇدا تۆۋەنلىگەن. ھەمدە سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى توك كەمچىل بولۇش سەۋەبلىك خىتاينىڭ جەنۇبى ۋە دېڭىز بويى رايونلىرىدا توك بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى جىددىيلەشكەن. ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى جياڭسۇ ۋە جېجياڭ قاتارلىق بىر قانچە ئۆلكىدە توك يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كۆرۈلگەن بولۇپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەن.
شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت يەكشەنبە كۈنى كەچتىن باشلاپ ئىككى كۈن خۇاڭپۇ دەرياسى بويىدىكى باغچا ۋە بىر قانچە رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم مەنزىرىلەرنى يورۇتىدىغان چىراغلارنى ۋاقتىنچە ئۆچۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ كەمچىل بولۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، شەھەر سودا مەركىزى پەقەت چۈشتىن كېيىن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 4:00 دىن 9:00 غىچە تىجارەت قىلغان. ئۇندىن باشقا سىچۈەن ئۆلكىسىدە 7-ئايدىن باشلاپ داۋاملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا داۋام قىلغانلىقى سەۋەبلىك ھۆل-يېغىن مىقدارى ئەڭ ئاز بولغان. توك بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولمىغان. سىچۈەن ئۆلكىسى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە توكنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان بولۇپ، كارخانا، زاۋۇت قاتارلىقلارنى توك بىلەن تەمىنلەشكە چەك قويغان ياكى نۆۋەت بىلەن توك تەمىنلىگەن. ھازىر توكنى چەكلەش تەدبىرلىرى كېڭەيتىلگەن بولۇپ بارلىق ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارغا 25-ئاۋغۇستقىچە توك بىلەن تەمىنلەش توختىتىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ