خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆگزىگە چىقىشىنىمۇ چەكلىدى

خىتاي ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىشىكلىرىنى تاقاپ قامىغاننى ئاز دەپ، ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىشىنىمۇ چەكلىگەن.

خىتاينىڭ يېقىندىن بىرى شەرقىي تۈركىستاندا ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش باھانىسى بىلەن قىلىۋاتقان يولسىزلىقلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا.

23-ئاۋغۇست فەيسبۇكتا تارقالغان 20 سېكۇنتلۇق سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا ئاھالىسىنى قاتتىق قامال قىلغان بولۇپ، دائىرىلەر خەلقىمىزنىڭ ئىشكلىرىنى سىرتتىن تاقاپ بارلىق ئىشتا ئۆزىگە موھتاج قىلىپ قىيناپ ئاچ قويغان. ئۆيدە بىئارام بولغان خەلقىمىز ئۆگزىگە چىقىپ قوشنىلىرى بىلەن مۇڭدىشىش ئارقىلىق بېسىم ۋە ئازابنى يېنىكلىتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، نۆۋتتە ئون كۈندىن بۇيان دائىرىلەر ھاۋادىن ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتلار بىلەن تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقىمىزنىڭ ئۆگزىگە چىقىشىنىمۇ چەكلىگەن.

شەرقىي تۈركىستاندىن تارقىلىۋاتقان سىنلار خەلقىمىز بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان كۈنلەرنىڭ بارغانچە ئېغىرلاشقانلىقىنى، خىتاينىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىنى كونترول قىلىش باھانىسى بىلەن چارۋىچىلارنىڭ كەنتتىن يايلاققا چىقىشنى چەكلىگەنلىكى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ ئۆلۈشكە باشلىغانلىقىنى، دېھقانلارنىڭ ئېتىزغا چىقىشى چەكلەنگەنلىكى سەۋەبلىك تېرىغان تاۋۇز، قوغۇن قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېتىزدىلا سېسىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، دېھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ بىر يىللىق ئەمگىكىنىڭ بىكار بولغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئېغىر ئىقتىسادىي كىرزىسكە سۆرەپ كىرىش بىلەن بىرگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى قامالدا خىتاي دېھقانلارنىڭ ئېتىز-ئېرىقتىكى زىرائەت، كۆكتات ۋە مېۋە -چىۋىلىرىنى يىغىۋېلىشىغا پۇرسەت بەرگەنلىكىنى، ھەتتاكى ۋەتىنىمىزدە ئاھالىلەردىن پۇل ئېلىپ تۇرۇپ تارقىتىپ بېرىۋاتقان تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىدىمۇ ئېغىر ھايانكەشلىك ۋە پۇرسەتپەرەستلىك بارلىقىنى، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئايرىمچىلىقنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1118 قېتىم كۆرۈلدى
24/08/2022 14:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق