21-ئاۋغۇست يەكشەنبە ئىستانبۇل سىلىۋرى رايونلۇق شەھەر باشلىقى ۋولقان يىلماز ئەپەندى كۆپ سانلىقى ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە سېلىمپاشادىكى بىر قىسىم ئانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 150 كە يېقىن ئۆسمۈرلىرىمىزنى چوڭ تىپتىكى دالا تامىقى پائالىيتىگە تەكلىپ قىلدى ۋە ئۆزى بىۋاستە ئىشتىراك قىلىپ، ئۆسمۈرلىرىمىز بىلەن ھال مۇڭ بولۇشتى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ئويۇنغا قاتنىشىپ، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىنى يۇقىرى كۆتۈردى.
مەزكۇر پائالىيەت «ئۇيغۇر تۈركلىرى بالىلىرى بىلەن قولموقۇل تۇتاشايلى» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتتە بالىلار ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرى ۋە مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلدى.
شەھەر باشلىقى ۋولقان يىلماز ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ تىۋىتتىر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «سىنەكلى سەيلىگاھىمىزدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر تۈركلىرى بالىلىرى بىلەن قولموقۇل تۇتاشايلى» پائالىيىتىدە ئىرقداشلىرىمىز بىلەن جەم بولۇپ، بالىلىرىمىزنىڭ خۇشاللىقىغا ھەمدەم بولدۇق» دېگەن ئىپادىنى ئىشلەتتى.
شەھەر باشلىقى يەنە ئۇيغۇر ئانىلار بىلەنمۇ سۆھبەتتە بولۇپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى.
پائالىيەتتە ئەڭ دىققەت قوزغىغان نۇقتا ئۇيغۇر بالىلىرى كۈتۈۋېلىنغان سەيلىگاھنىڭ كىرىشىگە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ سۈرەتلىرى ۋە ئىككى تەرىپىگە شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بايرىقى چۈشۈرۈلگەن «ئۇيغۇر تۈركلىرى بالىلىرى بىلەن قولموقۇل تۇتاشايلى» دەپ خەت يېزىلغان پىلاكاتلارنىڭ تىزىلغانلىقى بولدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر