مالايشىيادا پائالىيەت قىلىۋاتقان يەرشارى تىنچلىق بۇرچى تەشكىلاتى (GPM) بىلەن مالايشىيا ئىسلام ياشلار ھەرىكىتى (Abim) تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەھمەد فەھمى 22-ئاۋغۇست خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى.
مېھمانلارنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى قاتارلىقلار شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاقساراي چاپىدىكى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.
يەرشارى تىنچلىق بۇرچى تەشكىلاتى (GPM) بىلەن مالايشىيا ئىسلام ياشلار ھەرىكىتى (Abim) تەشكىلاتى يېقىندىن بىرى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇچرىشىشتا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بىلەن مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا داۋام قىلىۋاتقان خىزمەتلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىندى.
مېھمانلار يەنە ئۇچرىشىشتىن كېيىن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىدە زىيارەتتە بولدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ