ياپونىيە خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ياپونىيە خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن 1000 دانە يىراق مۇساپىلىك چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 21-ئاۋغۇست ياپونىيە ھۆكۈمەت مەنبەلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ئورناتماقچى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا نۆۋەتتە مەۋجۇت قوراللاردىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، مۇساپىسى مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر بومبا پاراخوت ياكى ئايروپىلاندىن قويۇپ بېرىلىدىغان قورال بولۇپ، ئاساسلىقى غەربىي جەنۇب تاقىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. بۇ بومبا شىمالىي كورىيە ۋە خىتاينىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىغا يېتىپ بارالايدىكەن. ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ ۋەكىلى مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئالىغا دەرھال جاۋاب قايتۇرمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن چىقىرىلغان ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن ھەربىي كۈچىنى پەقەت ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتەلەيدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياپونىيە ھەربىي چىقىمنى كۆپەيتىپ تېخىمۇ كەسكىن ئىستراتېگىيەنى قوللانغان بولسىمۇ، يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرمىغان.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى بۇ ئاينىڭ بېشىدا تەيۋەننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، رايون ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيچىلىكى كۈچەيگەنىدى. خىتاي تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكىنى داۋراڭ سېلىپ، تەيۋەنگە يېقىن جايدا قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياپونىيەنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىغا كىرگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ