خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى داۋاملىق قامال قىلىشنى قارار قىلدى

شەرقىي تۈركىستاندا 22-ئاۋغۇست بىر كۈن ئىچىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدىن 164 ى كۆپەيگەن بولۇپ، خىتاي يۇقۇم باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان باستۇرۇش ۋە نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. خىتاي شۇ كۈنى يىغىن ئېچىپ شەرقىي تۈركىستاننى داۋاملىق قامال قىلىشنى قارار قىلغان.

خىتاي خەۋەرلىرى تورىنىڭ 22-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، 22-ئاۋغۇست كۈنى كەچ ئاتالمىش «شىنجاڭ» ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرى ۋىرۇسنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 0 دىن 21 گىچە، شەرقىي تۈركىستاندا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدىن 164 كىشىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەنلىكىنى، مەزكۇر يېڭىدىن كۆپەيگەن ۋىرۇس يۇقۇمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى، غۇلجا ئوبلاستى، سانجى ئوبلاستى، كورلا، قۇمۇل، قۇتۇبى قاتارلىق رايونلىرىدا تارقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان بويىچە، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 42 بىمار بار بولۇپ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بىماردىن 3260 ى بار ئىكەن. نۆۋەتتە ۋىرۇس يۇقۇمى ئەڭ كۆپ بولغان رايون ئۈرۈمچى ئىكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 22-ئاۋغۇست كۈنى كەچتە، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان. يىغىندا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى خوۋ يۇڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشىتابى 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 8 دىن باشلاپ دەرىجىگە ئايرىپ جەمئىيەت قاتلىمىدىن باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە يولغا قويىدىغانلىقىنى، خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى -ئوتتۇراھال رايونلارغا قارىتا يېپىق تىزگىنلەپ باشقۇرۇش داۋاملىق يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى، خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى رايونلاردىكى ئاھالىلەرگە قارىتا يەنىلا «ئۆيدىن چىقماسلىق، ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش» خىزمەت تەدبىرى يولغا قويۇلۇپ، ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ يۆتكىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە خىتاينىڭ خەلقنى ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» باھانىسى بىلەن قاتتىق قامال قىلغانلىقىنى، دەرىجىگە ئايرىپ قامال قىلىشنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان خەلقنىڭ ئاھۇ-زارى خىتاينىڭ جىنايىتىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى، ئەسلىدە خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ۋىرۇس باھانىسى بىلەن تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتىكى قاتتىق قامالنىڭ خەلقئارادا ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 916 قېتىم كۆرۈلدى
23/08/2022 14:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق