ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىدا تېرىلغۇ يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلەش ھەققىدە تەكلىپ لايىھەسى سۇندى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 21-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جەنۇبىي داكوتادىكى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى مايك لوۋندس يېقىندا، خىتاي، رۇسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورىيەنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، مەزكۇر دۆلەتلەردىكى شەخس ۋە ئورۇنلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ ئامېرىكا تېرىلغۇ يېرى ياكى دېھقانچىلىق يەرلىرىنى سېتىۋېلىشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، جەنۇبىي داكوتا كېڭەش پالاتا ئەزاسى مايك لوۋندېس 17-ئاۋغۇست خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا تېرىلغۇ يېرى ۋە ئامېرىكا كارخانىلىرىنى سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەزكۇر قانۇن لايىھەدە: «ئامېرىكىنىڭ تېرىلغۇ يېرىنى قوغداش دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دېيىلگەن.
لوۋندېسنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي فۇفېڭ گۇرۇھى شىمالىي داكوتا ئاھالىلەر رايونىدىن يەر سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، خىتاي سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان يەر بىلەن ئامېرىكا فوركىس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ئارىلىقى ئارانلا 20 مىنۇتلۇق يول ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، فوركىس ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئىلغار ھەربىي ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تېخنىكىسى ۋە يېڭى ئالەم تورىنىڭ مەركىزى بار ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مايك لوۋندېس تىۋىتتىر ھېساباتىدا: «بۇ قانۇن لايىھەسى خىتاي، رۇسىيە، جەنۇبى كورىيە ۋە ئىراننىڭ ئامېرىكىدىكى تېرىلغۇ يەر ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ