خىتاي ۋىرۇس يۇقۇمىغا قارشى دورىنى قومۇلدا سىناق قىلماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەر تۈرلۈك باستۇرۇش بىلەن بىرگە ھەرخىل نامەلۇم دورىلارنى سىناق قىلىدىغان تەجرىبە ئوبېكتى سۈپىتىدە قوللىنىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي رېجىمى بۇ قېتىم تۇنجى تۈركۈمدە ۋىرۇس يۇقۇمىغا قارشى ئىشلەپچىقارغان «ئازۋۇدىن تابلېتى» ناملىق دورىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇمۇلدا سىناق قىلىشقا باشلىغان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 19-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇمۇل شەھىرى سېتىۋالغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 900 قۇتا تابلېت 8-ئاينىڭ 13-كۈنى رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان.

خىتاي خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئازۋۇدىن تابلېتى خىتايدا ياسىلىپ تۇنجى تۈركۈمدە بازارغا سېلىنغان بولۇپ، خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى داۋالايدىغان كىچىك قاچىلانمىلىق دورا ئىكەن. نۆۋەتتە، قۇمۇل شەھىرى ۋىرۇس يۇقۇمىنى داۋالاشتا ئازۋۇدىن تابلېتىنى سېتىۋالغان.

خىتاي ئاخباراتلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇمۇلدا تۇنجى ئىشلىتىشكە باشلىغان ئازۋۇدىن تابلېتىنى ئاتالمىش «تولۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ھەمدە يەر شارى پاتېنتىغا ئېرىشكەن» دەپ ماختىغان بولۇپ، بۇ دورىنى قۇمۇل شەھىرى يېتەرلىك دەرىجىدە زاپاس ساقلاپ، يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش، يۇقۇملۇق كېسەلگە دەل جايىدا تاقابىل تۇرۇشنى يېتەرلىك تېببىي دورا بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سىناق ئوبېكتى قاتارىدا ئىشلىتىشىنىڭ يېڭى ئەھۋال ئەمەسلىكىنى، بۇ دورىنى تۇنجى قېتىم خىتايدا ئىشلەتمەستىن ئەكسىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقى، خىتاينىڭ مەزكۇر دورىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش مەسىلىسىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سىناق ئەۋرىشكىسى قىلغانلىقىنى، 2020-يىلىمۇ خىتاينىڭ سىنوۋاك بىيوتېخنىكا شىركىتى ياساپ چىققان ۋاكسىنىنى ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىشلىتىپ سىناق قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 984 قېتىم كۆرۈلدى
23/08/2022 13:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق