رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ «مېڭىسى» دەپ تەسۋىرلەنگەن سىياسىي مۇتەخەسسىس ئالېكساندىر دۇگىننىڭ قىزى داريا دۇگىنا ئۆزى ئولتۇرغان ماشىنىنىڭ پارتىلىشى سەۋەبىدىن قازا قىلدى.
ئاساسلىق نىشان دېيىلگەن دۇگىننىڭ ئاخىرقى پەيتتە قارارىنى ئۆزگەرتىپ باشقا ماشىنا بىلەن سەپەر قىلغانلىقى تىلغا ئېلىندى.
رۇسىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شەنبە كۈنى بىر پائالىيەتكە قاتناشقان دادا قىز ئىككەيلەن بىللە ئۆيىگە قايتماقچى بولغان بولسىمۇ، ئاخىرقى پەيتتە، دادىسى دۇگىن باشقا ماشىنا بىلەن مېڭىشنى قارار قىلىپ، ئايرىم ماشىنىدا ئولتۇرۇپ يولغا چىققان.
نۆۋەتتە رۇسىيەنىڭ داڭلىق سىياسىي مۇتەخەسسىسى ئالېكساندىر دۇگىننىڭ قىزى داريا دۇگىنانىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا تەكشۈرۈش باشلانغان بولۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ دادىسى ئالېكساندىر دۇگىنغا تەۋە ئىكەنلىكى، دۇگىنا ھەيدىگەن ئاپتومبىلغا پارتىلاتقۇچ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە ئاپتوموبىلنىڭ يولدا كېتىۋاتقان پەيتتە پارتىلىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ماشىنا بولشىيې ۋىيازېمى يېزىسى ئەتراپىدا پارتىلىغان بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلار ژۇرنالىست بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان 30 ياشلىق داريا دۇگىنانىڭ پارتلاشتا قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك باشقا تەپسىلاتلار ھەققىدە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
ئەمما رۇسىيە دۆلەت تاراتقۇسىدا بۇ ۋەقەنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ ئۇكرائىنا ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەرمۇ تىلغا ئېلىندى.
ئانالىزچىلار، بۇ سۇيىقەست ھەرىكىتىدىكى ئاساسلىق نىشاننىڭ ئەسلىدە ئالېكساندىر دۇگىن ئىكەنلىكىنى، كۈتۈلمىگەندە ئۆزگەرتكەن قارارى بىلەن ئۆزى ئامان قالغان بولسىمۇ، دادىسىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدىگەن قىزىنىڭ سۇيىقەست قۇربانى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر