شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، 6-ئاۋغۇست باشلانغان 5-نۆۋەتلىك ھۇررا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 16 كوماندا ۋە 200 دىن ئارتۇق ماھىرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.
ئىككى ھەپتە داۋاملاشقان بۇ نۆۋەتلىك ھۇررا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە كىشىنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى. نەتىجىدە ئوقۇ ئۇيغۇر كوماندىسى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى، ئۇدۇن كوماندىسى ئىككىنچى، ئەينەك كوماندىسى ئۈچىنچى بولدى.
بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن كوماندىغا ھۇررا لوڭقىسى، مېدال ۋە 5000 لىرا مۇكاپات بېرىلدى. سوۋغاتنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى تەقدىم قىلدى. ئىككىنچى بولغان كوماندىغا ھۇررا لوڭقىسى، مېدال ۋە 3000 لىرا مۇكاپات بېرىلدى. ئۇلارنىڭ سوۋغىتىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد تەقدىم قىلدى. ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن كوماندىغا ھۇررا لوڭقىسى، مېدال ۋە 2000 لىرا مۇكاپات بېرىلدى. سوۋغاتنى شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاھىر كۆكبايراق تەقدىم قىلدى.
بۇ يىللىق مۇسابىقىنىڭ مۇنەۋۋەر توپچىسى ئوقۇ ئۇيغۇر كوماندىسىنىڭ باشلىقى بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئوقۇ ئۇيغۇر ۋەقفىنىڭ رەئىسى ھەبىبۇللاھ كۈسەنى تەقدىم قىلدى.
بۇ يىلنىڭ مۇنەۋۋەر ۋاراتارى ئەينەك كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەبۇبەكرى ئىدىقۇت تەقدىم قىلدى.
شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلارنى ھەرخىل تەنتەربىيە ساھەلىرىدە تەربىيەلەش ۋە مەشىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلىگەن خالىد ئاتامان ۋە ئۇنىڭ ئەترىتىگە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر ۋە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان ئەپەندىلەر سوۋغات تەقدىم قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى پائالىيەت ئاخىرىدا 5-نۆۋەتلىك ھۇررا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشىشىغا ماددىي-مەنىۋى جەھەتتىن ھەسسە قوشقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى، نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان تىجارەتچىلەر جەمئىيىتى ۋە بارلىق ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان شەخسلەرگە رەھمەت ئېيتتى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر