خىتاي ئاتالمىش «تۇراقلىق باشقۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى نامەلۇم ئورۇنغا سۈرگۈن قىلغان

خىتاي يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان بىلەن تىبەتتە خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى تارقالدى دېگەن باھانە بىلەن رايوننى قاتتىق كونترول قىلغان بولۇپ، ئۇندىن باشقا خىتاي يەنە ئاتالمىش «تۇراقلىق باشقۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى نامەلۇم ئورۇنغا سۈرگۈن قىلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى خىتاي دائىرىلىرى ۋىرۇسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارنى يۇقىرى، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن خەتەرلىك رايون دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈپ قامال قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 19-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 18-ئاۋغۇستقىچە شەرقىي تۈركىستاننى جەمئىي 329 يۇقىرى خەتەرلىك رايون، 138 ئوتتۇرا خەتەرلىك رايون ۋە 24 تۆۋەن خەتەرلىك رايونغا بۆلگەن بولۇپ، خىتاي يەنە تىبەتتە 346 يۇقىرى خەتەرلىك رايون ۋە 223 ئوتتۇرا خەتەرلىك رايون بارلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى خىتاي دائىرىلىرى ئوتتۇرا ۋە خەتەرلىك رايونلاردا «تۇراقلىق باشقۇرۇش» نى يولغا قويغان. خىتاي دائىرىلىرى تۇراقلىق باشقۇرۇش رايونى دەپ بەلگىلەنگەن خەتەرلىك رايونلار قامال قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرى چەكلەنگەن.

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ئامېرىكا ئاۋازىغا،  نۆۋەتتە خىتاي رېجىمىنىڭ تۇرالغۇ بىناسىدىكى بارلىق كىشىلەرنى تۇراقلىق باشقۇرۇش نامىدا نامەلۇم ئورۇنغا يۆتكىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

مەزكۇر ئۇيغۇر مۇخبىرغا يەنە: «بىز كارانتىن قىلىش نۇقتىسىغا بېرىشقا بۇيرۇلدۇق، ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقۇملانغۇچى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئېنىقلانغان بىر نەپەر خىتاي بىزنىڭ بىناغا كىرگەن. ئەتىسى ئەتىگەندە، بىز ئېلىپ كېلىنگەن ئايرىپ قاماش ئورنىنىڭ ئەمەلىيەتتە لاگېر ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق» دېگەن.

خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ، ئۇلارنىڭ ئۆيدىن چىقىشىنى چەكلىگەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كىشىلەر يەنە ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا: «خىتاي ئەمەلدارلىرى بىزنى كۈندىلىك ساغلاملىق تەكشۈرۈش ياكى بىزگە كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىپ كەلمىگىچە ئىشىكىمىزنى ئاچمايدۇ» دېگەن.

ۋاشىنگتوندىكى كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەش فوندىنىڭ خىتاي تەتقىقات دىرېكتورى، ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنزنىڭ دېيىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يېڭى كونترول قىلىش چارىسىنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇر، تىبەتلەرگە بېسىمنى ئاشۇرۇۋەتكەن.

ئادرىئان زېنز ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى «مەينەت، مەدەنىيەتسىز» دەپ كەمسىتىش قىلمىشىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئۇيغۇرلار خىتاي ۋىرۇسى مەزگىلىدە تېخىمۇ قاتتىق مۇئامىلىگە ۋە تېخىمۇ قاتتىق چەكلەش تەدبىرلىرىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن» دېگەن.

نۆۋەتتە ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا چىقىۋاتقان ھەرخىل كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئۆزىلا خىتاينىڭ خەلقىمىزگە قاتتىق بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنى بىر تەرەپتىن ئىقتىسادى جەھەتتىن ۋەيران قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆيدىن چىقارماي ئاچ قويۇش ئارقىلىق قىيناۋاتقانلىقىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي رېجىمىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دېھقانلىرى دەل مول-ھوسۇل ئالىدىغان پەيىتتە ھەريەرنى قامال قىلىشى، بازارلاردىكى ساناقسىز كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنىڭ سېسىپ تۈگىشى، ئۆيلەرگە ئاندا-ساندا يەتكۈزۈپ بېرىلىۋاتقان سەي-كۆكتاتلارنىڭ زەھەردەك قىممەت بولۇشى، يەنە بىر تەرەپتىن توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرى بىلەن ۋەيران قىلىنىۋاتقان قوغۇن-تاۋۇز، كۆكتاتلار خىتاينىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى توسۇش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنى جېنىدىن جاق تويغۇزۇش، بوزەك قىلىش، ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانى ئېھتىياجلارنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئەگەر خىتاي رېجىمى ۋىرۇسنى چەكلەش دەۋاسىدا قىلچىلىك سەمىمىي بولغان بولسا، بۇ خەلقنىڭ مىليونلارچە توننىلىق مېۋە-چىۋە، سەي-كۆكتاتلىرىنى سېسىپ ۋەيران بولۇشقا تاشلاپ قويماستىن، قامال ئاستىدا ئۆيلىرىگە سولانغان خەلققە تارقىتىپ بەرگەن، تىجارەتچىلەرنىڭ زىيانلىرىنى تۆلەپ بەرگەن بولاتتى.

دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە ۋە ھەرقانداق قامال قىلىشتا زىرائەتلىرىنى پەرۋىش قىلىشى كېرەك بولغان دېھقانلار، خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك دۇكانلار، ئۆيلەرگە تاماق مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئاشخانىلار قاتارلىقلارنىڭ ئەسلا چەكلەنمىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ قىلمىشىنىڭ ئوپئوچۇق بۇزغۇنچىلىق ۋە ئەخلاقسىزلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1007 قېتىم كۆرۈلدى
22/08/2022 13:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق