بۇ يىل 11-ئاينىڭ 9-ۋە 10-كۈنلىرى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى تاماملاندى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن بىرلىكنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» تەييارلىق خىزمەتلىرى ئۈچۈن، 18-ئاۋغۇست ياۋروپا سەپىرىنى باشلىغانىدى. زىيارەتنىڭ تۇنجى كۈنى گوللاندىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرغۇچى ھەيئەت ئەزالىرى ھەمدە گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى رەئىسى بىلەن بىر كۆرۈشكەن. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كۈنلىرى بېلگىيەدە مۇنبەرگە قاتناشقۇچىلار تۇرماقچى بولغان مېھمانخانا، يىغىن زالى ۋە باشقا ئىشلارنى كۆزدىن كەچۈرگەن، ئۈچىنچى كۈنى مۇنبەرنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرى بولغان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ھەسەنە تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى، ۋەكىللەر، مەسلىھەت گۇرۇپپىسى ۋە قارار گۇرۇپپىسى بىرلىكتە «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» ھەققىدىكى بارلىق مەسىلىلەر تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن سىرت شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلىرى، مۇنبەرگە تەكلىپ قىلىنىدىغان شەخسلەرنى بېكىتىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» نىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاساسەن تاماملانغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتىگە قارشى نارازىلىق خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاساسەن ئومۇملىشىپ، بەلگىلىك ئىجتىمائىي كۈچكە ئايلانغان بىر پەيىتتە، مۇنبەرنىڭ مەقسىتى نۆۋەتتە ئاللىبۇرۇن شەكىللەنگەن بۇ ئىجتىمائىي كۈچنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا مەجبۇرلايدىغان كۈچ ھالىتىگە كەلتۈرۈش، شۇنداقلا بۇ كۈچنى چېچىلاڭغۇ كۈچ شەكلىدە ئەمەس، بەلكى بىرلىككە كەلگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ قولىدىكى كۈچكە ئايلاندۇرۇش ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ساھىبخانلىقىدا ياۋروپا پارلامېنتى زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يىغىن زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ يىغىنغا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى، سىياسىيونلار، قانۇنشۇناسلار، مۇتەخەسسىسلەر، ئادۋوكاتلار، ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرى تەكلىپ قىلىنىدىكەن. مۇنبەردە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىش يولىدىكى كونكرېت چارە-تەدبىرلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ