يازلىق تەتىللىك ئوقۇ-ئوقۇتۇش غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرئان كۇرسى ئانا تىل يەسلىسىنىڭ 2022-يىللىق يازلىق تەتىل ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى ئانا تىل ۋە قۇرئان كۇرسى يەسلىسىدە 19-ئاۋغۇست يازلىق تەتىللىك ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىللىق يازلىق تەتىللىك ئوقۇش 6-ئاينىڭ 27-كۈنى باشلانغان بولۇپ، 8-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاخىرلاشتى. تەتىللىك ئوقۇتۇش ۋە تەربىيەلەشكە 25 نەپەر مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قاتناشقان بولۇپ، يەسلى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن جەمئىي 75 نەپەر پەرزەنتىمىز ئوقۇش پۈتتۈردى.

تەتىللىك ئوقۇتۇش داۋامىدا، قۇرئان كەرىم، ئانا تىل، ئەدەپ-ئەخلاق، دۆلەت مەكتىپى تەييارلىق دەرسلىرى ئۆتۈلگەندىن سىرت قوشۇمچە دالا پائالىيىتى، سۇ ئۈزۈش، ئەنئەنىۋىي ئويۇنلار، بالىلار قوشاقلىرى ھەمدە ھەرخىل پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلغان.

ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە بولغان 13 نەپەر ئوقۇغۇچىغا ئالاھىدە مۇكاپات بېرىلىش بىلەن بىرگە بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتى بېرىلدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1558 قېتىم كۆرۈلدى
20/08/2022 15:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق