ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى خىتاي ئەمەلدارىنىڭ يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان ئاتالمىش «يەسلى» نامىدا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بالىلار لاگېرىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ئالاقىدار سىنلار خىتاي رېجىمىنىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىنى پاش قىلماقتا.

19-ئاۋغۇست خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرلىقى تەشكىللىگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خىتاي مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋيۇڭدىن شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىشى چەكلەنگەنلىكى ھەققىدە سوئال سورىغان. جاۋيۇڭ قېلىپلاشقان يالغان سۆزلەر بىلەن جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئاساسى قانۇنى» نى مىسال كەلتۈرگەن ۋە: «خىتاي قانۇنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي يېزىق ۋە تىلىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.

ھالبۇكى خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى چوڭلارنىڭ نورمال ئىجتىمائىي ئالاقىلىرىدا ئۇيغۇرچە سۆزلىشىنى چەكلىگەندىن سىرت، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئاتالمىش «پەرىشتىلەر باغچىسى» دېگەندەك چىرايلىق ناملاردا پەردازلانغان بالىلار لاگېرىغا سولاپ، ئاتا-ئانىسىدىن، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىپ، ئۇيغۇرچە سۆزلەشتىنمۇ چەكلەپ خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە.

خىتاينىڭ يالغانچىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان سىنلار ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا كۆپلەپ تارقىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئەمەلدارى يالغانچىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان مۇھىم ئىسپات بولۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر سىندا تۆت-بەش ياش ئەتراپىدىكى بىر قىزنىڭ ئاچىسىدىن تورداشلار ئۇكىسىنىڭ يەسلىسىدە ئۇيغۇرچە سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغان-قىلىنمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ: «چەكلىنىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.

يەنە بىر سىنمۇ ئىلگىرى كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر خىتاي مۇخبىر مەلۇم يەسلىدىكى بەش ياش ئەتراپىدىكى سەبىرە ئىسىملىك قىزدىن ئاكىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنى دەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، قىز ئۇيغۇرچە سۆزلەشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئېيتىپ: «ئاكامنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە دېسەم سىلەر مېنى تىللىساڭلار، ئۇرساڭلار قانداق قىلىمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلار قىزدىن يەنە: «ئوقۇتقۇچىڭىز سىزدىن سورىغان تۇرسا، قانداق بولۇپ سىزنى ئۇرسۇن؟ ئوقۇتقۇچى سىزدىن سوراۋاتىدىغۇ؟» دەپ چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، ئاكىسىنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە دېمىگەن قىز ئاخىرى يەسلىدە ئۇيغۇرچە سۆزلەشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

 

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2020-يىلى ئاتالمىش «بالىلار يەسلىلىرى»نىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈنلا بىر مىليارد 200 مىليون يۈەن سەرپ قىلغان بولۇپ، يالغۇز قاغىلىق ناھىيەسىدىكى 4-نومۇرلۇق «ياتاقلىق مەكتەپ»كىلا 2020-يىلى 4-ئايدا 2000 دىن ئارتۇق ئۆسمۈر ئېلىپ كېلىنگەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى بىلەن بىرگە، بالىلار لاگېرىنىڭمۇ زور كۆلەمدە كېڭىيىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1430 قېتىم كۆرۈلدى
20/08/2022 14:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق