17-ئاۋغۇست ئەنگىلىيە خەلقئارا قانۇن ئادۋوكاتى مايكول پولاك، ئارگېنتېنالىق ئادۋوكاتلاردىن گەبرىئېل كاۋاللو، خۇئان نېتو قاتارلىقلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىغا ۋاكالىتەن ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىغا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇندى.
ئارگېنتىنا پايتەختى بۇئېنوس-ئايرېسقا يېتىپ كەلگەن ۋە تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ۋە خەلقئارا قانۇن ئادۋوكاتى مايكول پولاك قاتارلىقلار 17-ئاۋغۇست كۈنى ئارگېنتېنا جىنايى ئىشلار سوتىغا خىتاي ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزنى يەتكۈزگەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ جىنايىتى كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر، لاگېر شاھىدلىرى ۋە ئۇيغۇر سوتى ئارقىلىق دەلىللەنگەن بولسىمۇ، جىنايەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئايرىم مەسىلە، ئۇنىڭدىن ھېساب سوراش ئايرىم مەسىلە ئىكەن. ئۇ بۇ قېتىم ئارگېنتىنا سوتىغا ئەرز سۇنۇشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى بايان قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ئورگانلىرى ئارقىلىق خىتاينى سوتقا تارتىش مۇمكىن بولمىغان تەقدىردە، ئارگېنتىنا سوتى ئارقىلىق جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇ ئەرزنامىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارالىق جىنايىتى ھەمدە بۇ جىنايەتنىڭ ئەڭ چوڭ جاۋابكارلىرى كۆرسىتىلگەن. ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى ئادەم قىيناش جىنايەتلىرىدىن ھېساب سوراش ھوقۇقى بار ئىكەن.
بۇ ئەرزنىڭ سۇنۇلۇشى دەسلەپكى مۇھىم قەدەم بولۇپ، ئەگەر سوتچىلار دېلو تۇرغۇزۇشنى قارار قىلسا، جىنايەتنى تەكشۈرۈپ تەھقىقلەش باسقۇچى باشلىنىدىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى سوتقا تېخىمۇ كۈچلۈك دەلىللەرنى سۇنۇپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئىسپاتلايدىكەن. سوت بۇ دەلىللەرگە ئاساسەن جاۋابكار ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىدىكەن ۋە ئۇنىڭغا سوت ئاچىدىكەن. سوت ئەگەر ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ شەخسنىڭ دېلوسىنى تۇرغۇزسا، گۇۋاھچىلارنى سوتتا ئىسپات بېرىشكە چاقىرىدىكەن.
بۇ ئەرز ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ جىنايەت ئىسپاتلىرىنى خەلقئارا سوتقا رەسمىي سۇنۇشى، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم خىتاي زوراۋانلىرىنىڭ قەبىھ جىنايەتلىرىدىن ھېساب سوراش يولىدىكى مۇھىم قەدەم ھېسابلىنىدىكەن.
8-ئاينىڭ 17-كۈنى ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرز سۇنۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان ئاخبارات باياناتنامىسىدە، ئادۋوكات مايكېل پولاك: «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ قورقۇنچلۇق خەلقئارا جىنايىتىدىن ھېساب سورايدىغان، ئادالەت تەلەپ قىلىدىغان بىر تارىخىي پەيتىدۇر. ئىرقىي قىرغىنچىلىق قايتا يۈز بەرمىسۇن دېگەن شوئار يىللارچە تەكرارلىنىپ كەلدى. ئەمما بىزدە، 2022-يىلدا مىللىي ۋە دىنىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە باي مەدەنىيىتى يوقىتىلىشقا ئۇچراۋاتىدۇ» دېگەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا: «بۇ ئەرز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ئادالەت تەلەپ قىلىش ۋە جىنايەتچىلەردىن ھېساپ ئېلىش يولىدىكى مۇھىم بىر قەدىمىدۇر. يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار خەلقئارا قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشىنى كۈتۈپ ئاخىر ئۈمىدىسزلەنگەنىدى. ھالبۇكى، بۇ قېتىم ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىغا سۇنغان ئەرزىمىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخىي ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولغۇسى» دېگەن.
ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىزنىڭ بۇ ئەرزىمىز قەبىھ جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن زوراۋان ھاكىمىيەتنىڭ سوئال-سوراقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر خەلقئارا سوت مەھكىمىسى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى قاتارلىق خەلقئارا سوت ئورگانلىرى خىتاينىڭ جىنايەت ئىسپاتلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە يارىمىسا، ئۇنداقتا مەلۇم دۆلەتنىڭ سوت مەھكىمىسى خىتاينىڭ جىنايىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكانىڭ ئارگېنتىنانادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارك ستەنلى دولقۇن ئەيسا، ئۆمەر قانات، مايكول پولاك قاتارلىقلارنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، بۇ قېتىم ئارگېنتىنا سوتىغا سۇنۇلغان ئەرز ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇق دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىق تەرەققىياتى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىشتا ئوينايدىغان رولى قاتارلىقلار ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر