خىتاي ئىسلام دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە كېلىشكە باشلىغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئۇلارنىڭ كۆزىنى بوياش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، خىتاي بۇ قېتىم پاكىستاننىڭ ئىسلامئابادتىكى سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي تەتقىقات مەركىزى 17-ئاۋغۇست ئاتالمىش «شىنجاڭ سىياسەت دىيالوگى» ناملىق يىغىن تەشكىللىگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ قورچىقى بولۇپ قالغان پاكىستانلىق ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلەر ئىسلامئابادتا ئېچىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ سىياسەت دىيالوگى» ناملىق يىغىندىن كېيىن: «شىنجاڭدىكى گۈللىنىش ۋە مۇقىملىق ھەممەيلەنگە ئايان، بۇ خىتاي سىياسىتىنىڭ توغرىلىقى» دەپ بىلجىرلىغان.
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە، خۇسۇسەن ئىسلام دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە كېلىشكە باشلىشىدىن بىئارام بولغان خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ساختا «دىنىي زاتلار» نى كوزىر قىلىپ كۆز بويامچىلىق قىلغاندىن باشقا، بىر قىسىم ئىسلام ئەللىرىدە يىغىن تەشكىللەپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنماقتا.
يىغىندا پاكىستانلىق خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى سۇلتان خالى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا: ئۆزىنىڭ كۆپ قېتىم شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغانلىقىنى، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ھەققىدە يالغان ئىسپات بېرىپ خىتاينى ئاقلىغان.
ئاتالمىش «شىنجاڭ سىياسەت دىيالوگى» ناملىق يىغىندا يەنە پاكىستان ئىسلامئاباد سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ قورچاق تەتقىقاتچىسى ھەمزە رىفات ھۈسەيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيەت ئەھۋالى ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ۋە ئىسلام دىنىغا قارشى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلايدىغان يالغان تەشۋىقات ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان ۋە چەتئەللەردىكى ياللانما خادىملىرى ۋە ساختا مەيدانلار ئارقىلىق كۆز بوياشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ھالبۇكى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنىڭ ئاللىبۇرۇن خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارا بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى ئىسلامىي تەشكىلاتلار ۋە زور تەسىر كۈچكە ئىگە ئۆلىمالارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن بىئارام بولغان خىتاينىڭ بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان تۇغقانلىرى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىنى ئۈزۈشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، شۇنداقلا خەلقىمىزنى چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئادا-جۇدا بولۇش ئۈچۈن ئەھدىنامىگە قول قويۇشقا مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ