خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە بىرلىكنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى 11-ئايدا بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنى ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئۇلار تەييارلىق ئۈچۈن قىلىنغان سەپەرنىڭ تۇنجى كۈنىدە گوللاندىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋەقفىنىڭ باشقۇرغۇچى ھەيئەت ئەزالىرى ۋە گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، بۇ قېتىملىق تەييارلىق پائالىيىتىنىڭ ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغانلىقىنى، بىرىنچى كۈنى گوللاندىيەدىكى تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەن تەييارلىق خىزمىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى، نۆۋەتتە گوللاندىيەدىن قايتىپ بېلگىيەدە مۇنبەرگە قاتناشقۇچىلار تۇرماقچى بولغان ياتاق ۋە باشقا ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئۈچىنچى كۈنى مۇنبەر تەشكىللىمەكچى بولغان ئۈچ چوڭ تەشكىلات بىلەن بىرلىكتە مۇنبەرنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ