شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلار داۋاملىق كۆپەيمەكتە

شەرقىي تۈركىستاندا 18-ئاۋغۇست بىر كۈن ئىچىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدىن 221 سى كۆپەيگەن بولۇپ، خىتاي يۇقۇم باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان باستۇرۇش ۋە نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

خىتاي جۇڭشىن تورىنىڭ 19-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، 18-ئاۋغۇست كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 0 دىن 24 كېچە، شەرقىي تۈركىستاندا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدىن 221 سى يېڭىدىن كۆپەيگەن. مەزكۇر يېڭىدىن كۆپەيگەن ۋىرۇس يۇقۇمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى، غۇلجا ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، سانجى ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، كورلا، قۇمۇل قاتارلىق رايونلىرىدا تارقالغان. كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان 62 بىمار بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىغا يۆتكەپ ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىشكە باشلىغان.

خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان بويىچە، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 33 بىمار بار بولۇپ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بىماردىن 3094 سى بار ئىكەن. ۋىرۇس يۇقۇمى ئەڭ كۆپ بولغان رايون غۇلجا بىلەن سانجى ئوبلاستى ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە خىتاينىڭ نومۇسسىزلارچە ۋىرۇسنى چەتئەلدىن كىرگەن دەپ پۈتۈن ئاپەتنىڭ مەنبەسىنى چەتئەلگە ئارتىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېر ۋە تۈرمە سىرتىدا قالغان خەلقنى ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» باھانىسى بىلەن قاتتىق قامال قىلغانلىقىنى، ئەسلىدە خىتاينىڭ رەزىل مەقسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ۋىرۇس باھانىسى بىلەن تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتىكى قاتتىق قامالنىڭ خەلقئارادا ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1192 قېتىم كۆرۈلدى
19/08/2022 14:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق