ئامېرىكىنىڭ بىر تور بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي رېجىمىغا چېتىشلىق خاككېرلار گۇرۇپپىسى يېقىنقى ئۈچ يىلدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئەقىل ئامبىرى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە دۆلەت ھالقىغان ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى نىشانلاپ كەلگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ماسساچۇسېتس ئىشتاتىغا جايلاشقان تور بىخەتەرلىك شىركىتى «Recorded Future» 16-ئاۋغۇست دوكلات ئېلان قىلىپ، «قىزىل ئالفا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىلدا نىشانلىق ھالدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئورگانلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خاككېرلار تەشكىلاتى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى، خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتى ۋە دۇنيادىكى باشقا ئەقىل ئامبىرى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتلىرىنى نىشانلىغان.
دوكلاتتا: «قىزىل ئالفا بەلكىم خىتاي ئۈچۈن تور جاسۇسلۇقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شەخسىي ھۆددىگەر بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئىسپات ئوغرىلاش نىشانى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتى بىلەن بىردەك» دېيىلگەن.
تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىي بولۇشى بىلەن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خاككېرلار گۇرۇپپىسى يېقىنقى بىر قانچە يىلدا تەيۋەندىكى ئامېرىكا ئىنستىتۇتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەيۋەن ئورگانلىرىغا ئالاھىدە كۆز تىككەن. تەيۋەن دېموكراتىك پارتىيەسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تەتقىقات ئورنى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ نىشانىغا ئايلانغان.
دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ يەنە بىرازىلىيە، ۋىيېتنام ۋە پورتۇگالىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، شۇنداقلا ھىندىستان دۆلەتلىك ئۇچۇر مەركىزىگە ئوغرىلىق مەقسىتىدە ھۇجۇم قىلغانلىقى بايقالغان. «قىزىل ئالفا» كەم دېگەندە 2015-يىلدىن بېرى جانلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، كانادا تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى خەلق تەجرىبىخانىسى 2018-يىلى تىبەتلەر تورىنى نىشان قىلغان خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ تور ھەرىكىتىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ گۇرۇپپىنىڭ تىبەت جەمئىيىتىنى نىشان قىلغان ئىككى قېتىملىق تور ھۇجۇمى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلگەن.
ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، «قىزىل ئالفا» تور ھۇجۇمى قىلغاندا يەنىلا ئوخشاش تاكتىكىلارنى ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ئەمما دوكلاتتا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئاجىز گۇرۇپپىلارنى نىشانلاش قىلمىشىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ