رۇسىيە ياۋروپا كۆمۈر ئېكسپورتىنى خىتايغا يۆتكىمەكچى

رۇسىيە ياۋروپا ئەللىرى بىلەن بولغان زىددىيەتلىرى سەۋەبلىك ياۋروپاغا قىلىۋاتقان كۆمۈر ئېكسپورتىنى ھىندىستان ۋە خىتايغا يۆتكەيدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.

بۈگۈنكى رۇسىيە تورىنىڭ 18-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە ئېنېرگىيە تەرەققىيات مەركىزىنىڭ قىسقا مۇلاھىزىسىدە كۆرسىتىشىچە، رۇسىيە كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش ئوبيېكتلىرىنى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن خىتاي ۋە ھىندىستانغا يۆتكىگىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، رۇسىيە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كۆمۈر سېتىشنى چەكلىگەندىن كېيىن، رۇسىيە 7-ئايدا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە سېتىۋاتقان كۆمۈر تەمىناتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا خىتاي ۋە ھىندىستانغا يۆتكىگەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، ياز پەسىلنىڭ ئىككىنچى ئېيىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش 3 مىليون توننا ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ رۇسىيەنىڭ شەرققە كۆمۈر توشۇش مىقدارىنىڭ ئېشىشى بىلەن تولۇقلىنىدىكەن. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى؛ بۇ مەزگىلدە رۇسىيە ھىندىستانغا 2 مىليون توننا، خىتايغا 6 مىليون 700 مىڭ توننا كۆمۈر توشۇغان. بىر ئاي ئىچىدىكى تەمىنلەش ئايرىم-ئايرىم ھالدا %42 ۋە %60 ئاشقان.

قىسقا تەھلىلدە يەنە رۇسىيەنىڭ كۆمۈرگە بولغان ئېتىبارىنىڭ يەنىلا يۇقىرى ئىكەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇسىيە كۆمۈرى ھەر تەرەپتىن %45-%50 ئەرزان باھادا سېتىلىدىغان بولۇپ، ھەر بىر توننا كۆمۈر 200 دوللار پەرقلىنىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، رۇسىيەنىڭ كۆمۈر ئېكسپورتى 8-ئايدا مۇقىم ھالەتتە تۇرغان. رۇسىيە ئېنېرگىيە تەرەققىيات مەركىزىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئېكسپورت ۋەزىيىتى ھىندىستان ، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا شەرققە توشۇشنىڭ ھەرىكەتچانلىقىغا باغلىق بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە رۇسىيە كۆمۈر شىركەتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى سېتىۋالغۇچىلار رۇسىيە كۆمۈرىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان تەمىنلەش مەنبەسىنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 927 قېتىم كۆرۈلدى
19/08/2022 12:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق