خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ پات يېقىندا رۇسىيەگە بىر قىسىم ئەسكەر ئەۋەتىپ «شەرق-2022» ناملىق مانېۋىرىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
«بۈگۈنكى رۇسىيە» تۈرىنىڭ 17-ئاۋغۇست بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى تېخى ئاخىرلاشمىغان بىر پەيتتە، رۇسىيە خىتاينى يېنىغا تارتىشقا باشلىغان. بۇ قېتىم خىتاينىڭ رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانېۋىرىغا قاتنىشىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋېيبو ھېساباتىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇردا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ يىللىق ھەمكارلىق پىلانى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئاساسەن، خىتاي ئارمىيەسى پات ئارىدا بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى رۇسىيەگە ئەۋەتىپ «شەرق-2022» ناملىق مانېۋىرىغا قاتنىشىدىكەن. ئۇندىن باشقا بۇ مانېۋىرغا ھىندىستان، بېلارۇسىيە، تاجىكىستان، موڭغۇلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرمۇ قاتنىشىدىكەن.
خىتاي باياناتىدا: «خىتاي تەرەپ مانېۋىرغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتىدۇ. بۇنىڭدىكى مەقسەت مانېۋىرغا قاتناشقان دۆلەت ئەسكەرلىرى بىلەن دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قاتناشقان بارلىق تەرەپلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ھەر خىل بىخەتەرلىك تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ مانېۋىر نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيەت ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتسىز» دېيىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە 2018-يىل ئۆتكۈزگەن شەرقتىكى ھەربىي مانېۋىرىنىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ مانېۋىرغا 300 مىڭغا يېقىن ئەسكەر قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە رۇسىيە ھەربىي مانېۋىرىغا تۇنجى قېتىم قاتناشقان خىتاي ئارمىيەسىمۇ بار ئىكەن.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيەنىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان تىركىشىشى كەسكىنلىشىۋاتقان پەيتتە، خىتاينى يېنىغا تارتىشقا ئۇرۇنغان. شۇڭلاشقا خىتاينىڭ بۇ يىلقى ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىش قارارى ۋە كۆلىمى خىتاي بىلەن رۇسىيە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ھالىتى ھەققىدە مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ