5-نۆۋەتلىك «ھۇررا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسى باشلاندى

شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، 6-ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا باشلانغان 5-نۆۋەتلىك «ھۇررا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى 14-ئاۋغۇست گۇرۇپپىلار ئارا مۇسابىقىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، تاللانغان 8 كوماندا بىلەن ئىككىنچى ئايلانما باسقۇچىغا كىردى.

ئۇدۇن كوماندىسى بىلەن تەكلىماكان كوماندىسى ئارىسىدا ئوينالغان مۇسابىقىدە، ئۇدۇن كوماندىسى 3:4 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلىپ ئەينەك كوماندىسىنى يېڭىپ ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىگە تاللاندى. ئاتىللا كوماندىسى بىلەن ياشلار مەركىزى كوماندىسى ئارىسىدا ئوينالغان مۇسابىقىدە، ئاتىللا كوماندىسى يۇقىرى نومۇر پەرقى بىلەن ياشلار مەركىزى كوماندىسىنى يېڭىپ ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىگە تاللاندى.

ئاق ئوردا كوماندىسى بىلەن ئېلى مەشرەپ كوماندىسى گۇرۇپپىلار بۇيىچە ئىككىنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسى قىلغان بولۇپ، ئېلى مەشرەپ كوماندىسى ئاق ئوردا كوماندىسىنى يېڭىپ، گۇرۇپپىلار ئارا ئوينالغان مۇسابىقىدە ئىككىنچى بولدى.

بۇ قېتىملىق 5-نۆۋەتلىك «ھۇررا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىگە تۈركىيە ئىچى-سىرتىدىن جەمئىي 16 كوماندا قاتناشقان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن دولان، ئوقۇ ئۇيغۇر، ئەينەك، ئۇدۇن، ئاتىللا، ئېلى مەشرەپ، سايرام، ئانا يۇرت قاتارلىق سەككىز كوماندا ئەڭ كۈچلۈك كوماندا قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، سەككىز كۈچلۈك كوماندا ئارىسىدىكى مۇسابىقە 15-ئاۋغۇست دۈشەنبە ئىككى مەيدان، 17-ئاۋغۇست چارشەنبە ئىككى مەيدان ئوينىلىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1291 قېتىم كۆرۈلدى
15/08/2022 16:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق