شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆپەيمەكتە

شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆپەيگەن بولۇپ، خىتاي يۇقۇم باھانىسى بىلەن باستۇرۇش ۋە نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» ئاخبارات ئىشخانىسى 15-ئاۋغۇست كۈنى ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنى ئاچقان. يىغىنىدا 14-ئاۋغۇست شۇ جاي ۋاقتى سائەت 0 دىن 18 غىچە شەرقىي تۈركىستاندا كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدىن 168 ى كۆپەيگەن. بەش نەپەر ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىغا قارىتا ئېلىنغان ئايرىپ كۆزىتىش تەدبىرى بىكار قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈي يەننىڭ بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا تارقىلىۋاتقان خىتاي ۋىرۇسىنىڭ خىتايدىكى ۋىرۇستىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ چەت ئەلدىن كىرگەنلىكىنىڭ مۇقىملاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي ۋاڭ يى تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۈرۈمچى دائىرىلىرى 15-ئاۋغۇست سائەت 8 دىن باشلاپ رايون خارەكتېرلىك ۋاقىتلىق قامالنى يەنە بەش كۈن ئۇزارتقانلىقىنى، ئۈرۈمچىدە يولغا قويغان ۋاقىتلىق قامالنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ ۋىرۇسنىڭ يامرىشى كونترول قىلىنغانلىقىنى، كىشىلەر نىسبەتەن تىنچلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي مەنبەلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 15-ئاۋغۇست سائەت 0 دىن باشلاپ سايباغ رايونى، يېڭى تەرەققىيات رايونى قاتارلىق رايونلاردا توققۇز يۇقۇملانغۇچى كۆپىيىپ، بۇ رايونلارنىڭ يۇقىرى خەتەرلىك رايون قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە خىتاينىڭ نومۇسسىزلارچە ۋىرۇسنى چەتئەلدىن كىرگەن دەپ پۈتۈن ئاپەتنىڭ مەنبەسىنى چەتئەلگە ئارتىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ئەسلىدە خىتاينىڭ بۇنىڭدىكى رەزىل مەقسىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى قامالنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ۋىرۇس باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى قامال قىلىشنى كۈچەيتىش ھەرىكەتلىرى خەلقئارادا ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1115 قېتىم كۆرۈلدى
15/08/2022 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق