تۈركىيەدە يېڭى ئوقۇش يىلى باشلىنىشقا ئاز قالغان بىر پەيتتە، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىگە ۋاكالىتەن بىر ھەيئەت تۈركىيەنىڭ بىر قىسىم مائارىپ ئورۇنلىرىنى ۋە دۆلەت ئەربابلىرىنى زىيارەت قىلدى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت 12-ئاۋغۇست تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دوكتور نەزىف يىلمازنى زىيارەت قىلدى. ھەيئەتنى دوكتور نەزىف يىلماز ئۆز ئىشخانىسىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى.
زىيارەت جەريانىدا ھەيئەت دوكتور نەزىف يىلماز بىلەن تۈركىيەدىكى ھەرقايسى مەكتەپ، ئۇنىۋېرسىتېتلارغا قوبۇل قىلىنغان شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە بۇندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.
ھەيئەت شۇ كۈنى يەنە تۈركىيە دىيانەت ۋەقفىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ھەيئەتنى دىيانەت ۋەقفى رەئىسى ئېھسان ئاچىق كۈتۈۋالدى. زىيارەت جەريانىدا تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئېھسان ئەپەندى تۈركىيەنىڭ بەزى ۋىلايەتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن دىيانەت ۋەقفىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتىقىغا ئېھتىياجلىق بولغانلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر ھەيئەت يەنە 11-ئاۋغۇست كۈتەھيا دۇملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ھەيئەتنى ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور كازىم ئۇيسال ۋە مۇئاۋىن مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور شاھمۇرات ئارىك كۈتۈۋالدى. زىيارەت جەريانىدا ئۆتكەن ئىككى يىلدا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتقا قوبۇل قىلىنغان شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە بۇندىن كېيىن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتقا تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى.