ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى دوكلاتنى ئىزچىل كېچىكتۈرگەنلىكى سەۋەبلىك، كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، ئالىي ئەمەلدار ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى باچېلېتنىڭ بۇ ئاي ئاخىرىغىچە دوكلاتنى ئېلان قىلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 13-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى لىز سىروسېل ئالىي ئەمەلدار مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ ئاي ئاخىرىدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مىشېل باچېلېت بۇ يىل 23-مايدىن 28-مايغىچە خىتاينىڭ قاتتىق چەكلىمىسى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، زىيارەتتىن كېيىن ئېلان قىلغان بىر تەرەپلىمە باياناتى خەلقئارادا كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىغانىدى، شۇنداقلا خىتاي بۇنى كوزىر سۈپىتىدە كۆپلەپ قوللانغانىدى. مىشېل باچېلېتنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى بۇ يىل 31-ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، گەرچە تۆت يىل داۋاملىشىدىغان بۇ ۋەزىپىگە باچېلېتنىڭ يەنە بىر قېتىم سايلىنىش پۇرسىتى بولسىمۇ، ئۇ بۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن.
گەرچە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتىنى بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدىلا پۈتكۈزۈپ بولغان بولسىمۇ، ئېلان قىلىشنى ھازىرغا قەدەر كېچىكتۈرۈپ كەلگەن. بۇ جەرياندا خىتاي رېجىمىنىڭ مىشېل باچېلېتقا ۋە ب د ت دىكى دىپلوماتىيە ئۆمەكلىرىگە مەكتۇپ ئەۋەتىپ، مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى توسۇپ قېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئاشكارىلانغان. مىشېل باچېلېتنىڭ ۋەزىپىدىن ئايرىلىش مۇددىتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي تېخىمۇ كۆپ رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللانغان بولۇپ، يېقىندا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باچېلېتقا يالغان گۇۋاھلىق بېرىلگەن ئېلخەت ئەۋەتىشكە مەجبۇرلىغان.
مىشېل باچېلېت 6-ئايدا ئېلان قىلغان باياناتىدىمۇ شەرقىي تۈركىستان دوكلاتىنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇنىڭ باياناتچىسى بۇنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم