پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ زىيارىتىگە رەسمىي يول ئاچتى

نەنسى پېلوسىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا غۇلغۇلا قوزغىغان تەيۋەن زىيارىتىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپلا، لىتۋانىيەنىڭ بىر مۇئاۋىن مىنىستىرىمۇ تەيۋەننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، خىتاي دەرھال ئۇنىڭغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

لىتۋانىيە قاتناش ۋە ئالاقە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئاگنې ۋايچۇكېۋىچۇتېنىڭ باشچىلىقىدىكى 11 كىشىلىك ھەيئەت 7-ئاۋغۇست تەيۋەنگە يېتىپ بارغان بولۇپ، بەش كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان ۋە بۇ جەرياندا كۆپلىگەن شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئون نەچچە يىغىنغا قاتناشقان. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپلا ئەمەلگە ئاشقان.

بۇ زىيارەت خىتاي رېجىمىنى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 12-ئاۋغۇست ئورگان تور بېتىدە ئاگنې ۋايچۇكېۋىچۇتېغا جازا يۈرگۈزگەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. خىتاي تەرەپ باياناتىدا لىتۋانىيەنىڭ مەزكۇر مۇئاۋىن مىنىستىرىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى ۋە ئاتالمىش «بىر خىتاي سىياسىتى»گە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى دەۋا قىلدى، شۇنداقلا ۋايچۇكېۋىچۇتېغا جازا يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى، لىتۋانىيە قاتناش ۋە ئالاقە مىنىستىرلىقى بىلەن بارلىق ھەمكارلىقنى توختاتقانلىقىنى ۋە لىتۋانىيە بىلەن خەلقئارالىق تىرانسپورت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىمۇ توختاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى لىتۋانىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز يىرىكلىشىپ ماڭغان بولۇپ، بۇلتۇر لىتۋانىيە ھۆكۈمىتى تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ لىتۋانىيەدە «تەيۋەن» نامى بىلەن ۋاكالەتخانا قۇرۇشىغا يول قويغانلىقى سەۋەبلىك، جىددىيچىلىك تېخىمۇ كۈچەيگەن. خىتاي كېيىن بۇنىڭغا قارشى تۈرلۈك ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق لىتۋانىيەدىن ئۆچ ئالغان. ئۇندىن باشقا لىتۋانىيە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەر قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 974 قېتىم كۆرۈلدى
13/08/2022 12:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق