خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋىرۇسنىڭ چەت ئەلدىن كىرگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى

يېقىن كۈنلەردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار زور تۈركۈمدە كۆپەيگەن بولۇپ، خىتاينىڭ يۇقۇم باھانىسى بىلەن باستۇرۇش ۋە نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيدىغانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر كۈچەيمەكتە.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈي يەن 8-ئاۋغۇست كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئاتالمىش ئۇيغۇر رايونىدا تارقىلىۋاتقان خىتاي ۋىرۇسىنىڭ خىتايدىكى ۋىرۇستىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ چەت ئەلدىن كىرگەنلىكىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە مۇقىملاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سۈي يەن يەنە: «نۆۋەتتە يۇقۇم كۆپ جايلارغا تارقىلىش، مەلۇم جايغا مەركەزلىشىپ قېلىشتەك ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئىشى مۇرەككەپ، يېقىندىن بۇيان رايونىمىزغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر كۆپىيىپ قالدى. توپلىشىپ پائالىيەت قىلىش ۋە رايون ئاتلاپ ساياھەت قىلىشلار يۇقۇمنىڭ شىنجاڭغا كىرىش ۋە تېز سۈرئەتتە تارقىلىش خەتىرىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ» دېگەن.

خىتاينىڭ ئىنگىلىزچە تاراتقۇلىرىمۇ سۈي يەننىڭ بۇ گەپلىرىگە كەڭ ئورۇن بەرگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستانغا 7-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە 8 مىليون 820 مىڭ ساياھەتچى كەلگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن ساياھەتچىلەرنى يۇقۇمدىن قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرى 10-ئاۋغۇست 24 سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىدىن 380 سى كۆپەيگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ 284 ى غۇلجا شەھىرىدە، قالغان بىمارلار ئۈرۈمچى، ئالتاي، قومۇل، تۇرپان، كورلا ۋە خوتەندە ئىكەنلىكى. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 916 گە يەتكەنلىكى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى بولۇپ، رەسمىي دىياگنوز قويۇلغانلارنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى  ۋە كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئۈرۈمچىدە 10-ئاۋغۇستتىن تارتىپ بەش كۈنلۈك قامال قىلىشنى يولغا قويغانىدى.

نۆۋەتتە خىتاي نومۇسسىزلارچە ۋىرۇسنى چەتئەلدىن كىرگەن دەپ پۈتۈن ئاپەتنىڭ مەنبەسىنى چەتئەلگە ئارتىشقا ئورۇنۇش بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستاندا ئەسلىدىنلا يۇقىرى بېسىم بىلەن داۋاملىشىۋاتقان كونتروللۇق ۋە نازارەتنى تېخىمۇ كېڭەيتىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر كۈچەيمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1451 قېتىم كۆرۈلدى
12/08/2022 14:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق