لىز تىراس خىتايغا تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لىز تىراس دۈشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي رېجىمىغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنىڭ چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«بۈيۈك ئېرا» (The Epoch Times) گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لىز تىراسنىڭ بۇ ئىپادىسى ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ھۆكۈمەتكە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىش توغرۇلۇق بېسىم قىلىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرلىك سايلىمىغا چۈشىدىغان مۇھىم نامزاتلارنىڭ بىرى بولغان لىز تىراس ئەگەر كېلەر ئايدىكى سايلامدا ئۇتۇپ چىقالىسا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە خىتاي رېجىمىنىڭ جىنايىتىدىن ھېساب سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگىلىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت «بۇنىڭغا خەلقئارا سوت قارار بېرىشى كېرەك» دەپ پاسسىپ تۇرۇپ كەلگەنىدى.  لىز تىراس يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىدە ئاكتىپ بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئەمەلىيەت شۇكى، خەلقئارا سوت سىستېمىسى بۇنىڭدا رول ئوينىيالمايدۇ، بىز ئۇنىڭغا قاراپ تۇرالمايمىز. شۇڭا مەن بۇ ئىشتا كارغا كېلىدىغان باشقا مېخانىزىملارنى ئىشلتەلەيمىزمۇ-يوق دېگەن مەسىلىدە ئىزدىنىۋاتىمەن» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1090 قېتىم كۆرۈلدى
12/08/2022 14:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق