تىك توكنىڭ كەم دېگەندە 300 ئىشچىسىنىڭ خىتايغا ئىشلەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

TikTok ۋە ئۇنىڭ مەركەز شىركىتى ByteDance دا ئىشلەيدىغان كەم دېگەندە 300 ئىشچىنىڭ ئىلگىرى خىتاي دۆلەت ئورگانلىرىدا ئىشلىگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ByteDance ۋە TikTok خىزمەتچىلىرىنىڭ LinkedIn ئارخىپى تەكشۈرۈلگەندە، ئىلگىرى خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئىشلىگەن ئىشچىلارنىڭ ھازىر مەزمۇن تەييارلاش، ئىستراتېگىيە تۈزۈش، سىياسەت، ئاممىۋى مۇناسىۋەت، پۇل تېپىش ۋە «ئاخبارات ھەمكارلىقى» قاتارلىق روللاردا ئىشلەۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان.

ByteDance شىركىتىنىڭ ھازىرقى 15خىزمەتچىسنىڭ ئارخىپى ئۇلارنىڭ ByteDance تېخنىكا شىركىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

دوكلاتتا: «ByteDance خىزمەتچىلىرىدىن 15 كىشىنىڭ ھازىر شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خىتاي خەلقئارا رادىئوسى ۋە خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيىسى قاتارلىق خىتاينىڭ رەسمىي دۆلەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن».

فوربېس تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن LinkedIn ئارخىپى «TikTok نىڭ ئانا شىركىتى ByteDance بىلەن خىتاي رېجىمىنىڭ تەشۋىقات قورالى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم باغلىنىشنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇلار ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ خىتاي كومپارتىيىسىگە مۇلازىمەت قىلىشنى ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىسى قىلغان».

دوكلاتقا قارىغاندا، ByteDance ۋە TikTok ،LinkedIn ئارخىپىدىكى 300 خىزمەتچىگە ئالاقىدار مەلۇماتلارنى ۋە ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى رەت قىلمىغان.

ByteDance نىڭ باياناتچىسى ھىيلىگەرلىك بىلەن ئىپادە بىلدۈرۈپ: شىركەت «خىزمەتچى قوبۇل قىلىش قارارىنى پەقەت شۇ كىشىنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىغا ئاساسەن قارار قىلىدۇ» دېيىش بىلەن كۇپايىلەندى.

فوربېس ئىلگىرى CCTV ۋە CGTN دا ئىشلىگەن TikTok ۋە ByteDance خىزمەتچىلىرى ھەققىدە 49 LinkedIn ئارخىپىنى بېكىتكەنىدى.

ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ (خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيىسى) نىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، ھازىر ByteDance نىڭ ئاخبارات مەزمۇنلىرى ھەمكارلىق دېرىكتورى ۋە چەتئەلدىكى ByteDance نىڭ بازار ئاچقۇچىسى بولۇپ، ئارخىپىدا ئۇ يەنىلا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەھرىرى دېيىلگەن.

TikTok نىڭ سەتچىلىكلىرىنىڭ كۈنسىرى ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ بەزى دۆلەتلەر چەكلەشكە باشلىغان بولسا، بەزىلىرى ھەرخىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 980 قېتىم كۆرۈلدى
12/08/2022 14:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق