خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «ھەر مىللەت خەلقى» نى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتقا مەكتۇپ يوللاشقا مەجبۇرلىشى بىلەنلا خىتاي تاراتقۇلىرى ۋە چەت ئەللەردىكى خىتايغا يانداش تاراتقۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر ساھە ۋە كىشىلىرىىنىڭ مىشېل باچېلېتقا بەس-بەستە مەكتۇپ يوللاشقا باشلىغانلىقىنى، ئەمەلىي كەچۈرمىشلىرىنى ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ»نىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، چەتئەلدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمى ۋە تۆھمەتلىرىگە بولغان غەزەپ-نەپرەتلىرىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ۋە مىشېل باچېلېتتىن «ئۆزلىرىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشىنى، پىكىرلىرىگە ھۆرمەت قىلىشىنى، «شىنجاڭ»نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئوبيېكتىپ ۋە ئادىل باھالاشنى» تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر-ماقالىلەرنى بەس-بەستە تارقاتماقتا.
خىتاي مەزكۇر مەجبۇرىي يوللانغان مەكتۇپلاردا خەلق ئاغزىدىن ئۆزلىرىنىڭ بارلىق جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە نۆۋەتتە خەلقئارادا كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىنىپ بولغان دەپسەندىچىلىكلەرنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش بىلەنلا قالماي، جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى شارائىتلار، چىققاندىن كېيىنكى ھاياتى قاتارلىقلارنى خەلقنى بەختى دەپ سۈپەتلەشتىن تەپ تارتمىغان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىمۇ قەتئىي ئىنكار قىلغان.
مىشېل باچېلېتقا ئېلخەت ئارقىلىق يوللانغان بۇ مەكتۇپلاردا يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭ»دا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداشنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت سەپسەتە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇلارنى 5-ئاينىڭ ئاخىرى شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولغان مىشېل باچېلېتنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ئالدىنقى ئايدا خىتايدىكى ئاتالمىش «923 ئاممىۋى تەشكىلات» بىرلەشمە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، مىشېل باچېلېتنى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلماسلىققا چاقىرغان ھەمدە بۇ دوكلاتنى «ساختا ۋە خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ يالغان گۇۋاھلىقلىرى بىلەن تولغان» دەپ ئەيىبلىگەنىدى.
نۆۋەتتە مىشېل باچېلېت ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغانغا پەقەتلا ئۈچ ھەپتە قالغان پەيتتە، خىتاي يالغان تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مىشېل باچېلېتقا مەكتۇپ ئەۋەتكۈزۈشكە زورلىماقتا.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارادا پائالىيەت قىلىۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى چاقىرىق ئېلان قىلىپ، مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، قىرغىنچىلىقنىڭ ئاچچىق رېئاللىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن يېتىپ ئاشقۇدەك دەلىل، تەپسىلىي گۇۋاھلىقلار ۋە ئىشەنچلىك دوكلاتلار بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئالاقىدار تەييارلىغان ۋە كېچىكتۈرۈلگەن مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
خەلقئارا تاراتقۇلارمۇ مىشېل باچېلېتنىڭ نۆۋەتتە قىيىن تاللاش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، بۇلغانغان ئوبرازىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى ئېلان قىلماسلىق بىلەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تارىخىي قارا داغنى يۈدۈپ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر