ئەنگلىيەنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى شى جىنپىڭنىڭ كېلەر ھەپتە سەئۇدى ئەرەبىستانغا زىيارەتكە بارىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھازىرچە بۇنىڭغا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭ كېلەر ھەپتە سەئۇدى ئەرەبىستانغا زىيارەتكە بارىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ 2020-يىلى 1-ئايدا خىتاي ۋىرۇسى تارقالغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم باشقا دۆلەتنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. نۆۋەتتە سەئۇدى ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنى ئالاھىدە كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان. ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە تەمىنلىگۈدەك ئۇچۇر يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى قويۇقلاشقان بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە سەئۇدى ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاشكارا ئاقلاپ، خىتاي تەرەپتە تۇرغان. خىتايمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا سەئۇدىنىڭ قاتار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشى، مۇخبىر جامال خاشىقجىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى سەئۇدى ئەرەبىستانغا نىسبەتەن 2017-يىلىدىكى تىرامپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىدىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم ئۇچرىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇندىن باشقا، سەئۇدى دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ھەمدۇللاھ ۋەلى، نۇرمۇھەممەت روزى، بۇخەلچەم ئابدۇللاھ ۋە ئۇنىڭ 13 ياشلىق قىزى بابۇرە مىرئەھمەد قاتارلىق تۆت ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىدا ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر داۋاملىق كۈچەيمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم