ئۈرۈمچى بەش كۈنلۈك قامال قىلىندى

بىر نەچچە كۈندىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىنىڭ ئاساسلىق رايونلىرىنىڭ 10-ئاۋغۇستتىن باشلاپ بەش كۈنلۈك قامال قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 10-ئاۋغۇست 24 سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىدىن 380 سى كۆپەيگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ 284 ى غۇلجا شەھىرىدە، قالغان بىمارلار ئۈرۈمچى، ئالتاي، قومۇل، تۇرپان، كورلا ۋە خوتەندە ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 916 گە يەتكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى بولۇپ، رەسمىي دىياگنوز قويۇلغانلار يوق ئىكەن.

يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبلىك، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كونتروللۇق تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن، جۈملىدىن ئۈرۈمچىدە 10-ئاۋغۇستتىن تارتىپ بەش كۈنلۈك قامال يولغا قويۇلغان. خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ، سايباغ قاتارلىق كۆپلىگەن مۇھىم رايونلىرىدا مەزكۇر قامال تەدبىرى ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ، بارلىق ئىدارە-ئورگانلاردا، ئولتۇراق رايونلىرىدا بىرلا كىرىش-چىقىش ئېغىزى قالدۇرۇلىدىكەن، بارلىق ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدىن سىرتقا چىقىشى چەكلىنىدىكەن، ئالاقىدار خادىملار مەخسۇس كىنىشكا بىلەن ھەرىكەت قىلىدىكەن.

ۋىرۇسقا قارشى قاتتىق كونترول تەدبىرلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاھالىلەرنى ئەندىشىگە سالغان بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا كۆكتات باھاسىنىڭ ئون ھەسسە ئۆسۈپ كەتكەنلىكى، كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ يېمەكلىك، كۆكتات سېتىۋالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي رېجىمى ئىزچىل ھالدا ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولغان شەرقىي تۈركىستاندىمۇ بۇ سىياسەت يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان. نۆۋەتتە ئەسلىدىنلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يۇقۇمغا قارشى رادىكال تەدبىرلەر سەۋەبلىك تېخىمۇ ئېغىر باستۇرۇش، قاتتىق نازارەت ۋە ئىقتىسادىي بېسىمغا دۇچ كېلىشى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر كۈچەيمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1173 قېتىم كۆرۈلدى
11/08/2022 15:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق