خىتاي يېڭى ئاق تاشلىق كىتابىدا بىر قىسىم ۋەدىلىرىدىن يېنىۋالدى

خىتاي رېجىمى 10-ئاۋغۇست تەيۋەن مەسىلىسىگە ئالاقىدار يېڭى ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلغان بولۇپ، ئالدىنقى قېتىمقى ئاق تاشلىق كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان تەيۋەننىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئالاقىدار ۋەدىلىرىنى چىقىرىۋەتكەن.

خىتاي تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى ۋە خىتاي ئاخبارات ئىشخانىسى چارشەنبە كۈنى «تەيۋەن مەسىلىسى ۋە يېڭى دەۋردىكى خىتاينى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشلىرى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلغان. ئەمما بۇ قېتىم بۇرۇنقى ئاق تاشلىق كىتابلاردا تىلغا ئېلىنغان «بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، تەيۋەندە يۈكسەك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلىدۇ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەيۋەندە ئارمىيە ۋە مەمۇرىي خادىملىرىنى تۇرغۇزمايدۇ» دېگەن مەزمۇنلارنىڭ چىقىرىۋېتىلىشى دىققەت قوزغىغان بولۇپ، بۇ خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ تەيۋەننى قولغا كىرگۈزگەن تەقدىردىمۇ، تولۇق ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەرمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمىنىڭ 1993-يىلى ۋە 2000-يىلى تەيۋەن ھەققىدە ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابلىرى يۇقىرىقى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئەمما خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى تەھدىت خاراكتېرلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە نەنسى پېلوسىنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن، تەيۋەن-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىشى ئارقىسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا زور ئۆزگىرىش بولغان.

ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ تەيۋەنگە قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقى، نۆۋەتتە تەيۋەننىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغانلىقى، تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن ئارقىلىق خىتاينى كونترول قىلماقچى بولغانلىقى ھەققىدە جار سېلىنغان.

تەيۋەن ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى كەچتە بۇ توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ھەربىي تەھدىتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقان بىر پەيتتە يەنە بۇ ئاتالمىش ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلغانلىقىنى، خەلقئارا قانۇنغا زىت مەزمۇنلارنى تىلغا ئالغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خىتاي كوممۇنىست رېجىمى يىللاردىن بېرى تەيۋەننى قولغا كىرگۈزگەن تەقدىردە ئاتالمىش «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىنى يولغا قويىدىغانلىقى، تەيۋەننىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي تۈزۈلمىسىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى ھەققىدە جار سېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، تەيۋەن تەرەپ بۇنى رەت قىلماقتا ۋە تەيۋەننىڭ تەقدىرىنى تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۆزى بەلگىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 867 قېتىم كۆرۈلدى
11/08/2022 14:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق