بايدېن ھۆكۈمىتى خىتايغا تاموژنا بېجىنى ئازايتىش پىلانىنى قايتا ئويلاشماقتا

خىتاي ئارمىيەسى ئالدىنقى كۈنلەردە تەيۋەن ئەتراپىدا زور كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، ئىغۋاگەرچىلىكنى كۈچەيتكەندىن كېيىن، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا بىر قىسىم تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىلانىغا قايتا قاراپ چىقىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

رويتېرس ئاگېنتلىقى 10-ئاۋغۇست بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەھۋالدىن خەۋەردار شەخسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئالدىنقى كۈنلەردىكى تەيۋەنگە قارشى قىلمىشلىرى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا تاموژنا بېجىنى تەڭشەش پىلانىغا قايتا قاراپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئالدىنقى مەزگىللەردە بايدېن ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى پۇل پاخاللىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تىرامپ دەۋرىدە خىتايغا قارشى يولغا قويۇلغان تاموژنا سىياسىتىنى تەڭشەشنى، جۈملىدىن بىر قىسىم تاموژنا باجلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، باج كەچۈرۈم قىلىش تىزىملىكىنى كېڭەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان. ئەمما خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشلىرى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پىلانىغا تەسىر كۆرسەتكەن. ئاقساراينىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھازىرچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر بولۇپ، بايدېن بۇ ھەقتە تېخى رەسمىي قارار چىقارمىغان.

نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئىچىدە خىتايغا قارشى تاموژنا بېجىنى تەڭشەش ھەققىدە ئوخشىمىغان پىكىرلەر بار ئىكەن. جۈملىدىن ئامېرىكا سودا مىنىستىرى جىنا رېموندو نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى تۆۋەن بولغان، ئامېرىكىلىق سودىگەرلەر ۋە ئىستېمالچىلارغا زەرەر يەتكۈزىدىغان تاموژنا باجلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەمما ئامېرىكا سودا ۋەكىلى كەسېرىن تاي خىتايغا قاراتقان تاموژنا بېجىنى ئازايتىشقا قارشى تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، تاموژنا بېجى خىتاي بىلەن بولغان بۇندىن كېيىنكى سۆھبەتلەردىكى مۇھىم كوزىر ھېسابلىنىدىكەن، يەنە كېلىپ تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلىشتا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمايدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 817 قېتىم كۆرۈلدى
11/08/2022 10:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق