ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا ئالاقىدار خاتىرىلەش پائالىيىتىنى بىكار قىلىشقا چاقىرىلدى

ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە كۈنى يېقىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، بىر قىسىم ياپونىيە تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.

بۇ يىل 29-سېنتەبىر ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە كۈنى بولۇپ، ھەرقايسى جايلاردا بۇ كۈن ئۈچۈن خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشقا باشلىغان. ئەمما ياپونىيەنىڭ سانكې خەۋەر ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەقتىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرغان.

مەزكۇر ماقالىدە خىتاينىڭ نەنسى پېلوسىنىڭ زىيارىتىنى باھانە قىلىپ، تەيۋەن ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىر ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، مانېۋىر جەريانىدا بىر قىسىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا پارچىلىرىنىڭ ياپونىيە تەۋەلىكىدىكى ئىقتىسادىي رايونلارغا چۈشكەنلىكى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ياپونىيەگە ۋە ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىملىرىغا قارىتىلغان دۈشمەنلىك ھەرىكەت ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان ۋە شۇنداقلا بۇ ھەرىكەتلەردىن كېيىن ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا دوستانە كەيپىياتتىن ئەسەر قالمىغانلىقى، 29-سېنتەبىر خاتىرە كۈنىنى ھەرگىزمۇ تەبرىكلەش كەيپىياتى بىلەن كۈتۈۋېلىشقا ۋە بۇ ئارقىلىق خىتايغا خاتا سىگنال بېرىشكە بولمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىملىق خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ياپونىيە سوغۇق قارىغان بولسىمۇ، خىتاي نىسبەتەن قىزغىن قارايدىكەن. ئەمما ئىككى تەرەپ يۇقۇمنى باھانە قىلىپ، ئەمەلىي تەبرىكلەش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 956 قېتىم كۆرۈلدى
10/08/2022 14:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق