بايدېن خىتايغا قارشى غايەت زور سوممىلىق قانۇن ئىمزالىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، خىتايغا تېخىمۇ كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇشنى نىشان قىلغان غايەت زور سوممىلىق قانۇن لايىھەسىگە رەسمىي ئىمزا قويۇپ، بۇ قانۇننى كۈچكە ئىگە قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 9-ئاۋغۇست «ئۆزەك ۋە ئىلىم-پەن قانۇن لايىھەسى»گە ئىمزا قويغان بولۇپ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، سانائەت، تېخنولوگىيە ۋە ھەربىي ساھەدە خىتاي بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك رىقابەتلىشىشنى نىشان قىلغان مەزكۇر قانۇن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان.

بۇ قانۇن لايىھەسى چېتىلىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 280 مىليارد دوللارغا يېتىدىغان بولۇپ، بايدېن بۇنى «دەۋر خاراكتېرلىك مەبلەغ سېلىش» دەپ سۈپەتلىگەن ۋە ئىمزا قويۇشتىن بۇرۇنقى باياناتىدا: «كەلگۈسىدىكى ئۆزەك سانائىتى ‹ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن› بولىدۇ» دېگەن. ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى قاتناشقاندىن سىرت، Intel، AMD قاتارلىق بىر قىسىم تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ باش ئەمەلدارىمۇ ئىشتىراك قىلغان.

ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارىلىۋاتقان مەزكۇر قانۇننىڭ تۇرغۇزۇلۇشىغا بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرى ئىككى پالاتانىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەنىدى. بۇ قانۇن خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش دەپ قارالغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن خىتاينىڭ گېئوپولىتىكىلىق خىرىسلىرىغا قارشى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك قوللاش ھېسابلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە،ئامېرىكىنىڭ ئۆزەك ساھەسىگە سالغان مەبلىغى ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئىزچىل تۆۋەنلەپ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئامېرىكىنىڭ دۇنيا ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 1990-يىلىدىكى %40 تىن ھازىرقى %12 كە چۈشۈپ قالغان. نۆۋەتتە مەزكۇر قانۇننىڭ بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 874 قېتىم كۆرۈلدى
10/08/2022 14:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق