شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ جىددىي كۆپىيىشى ئەندىشە قوزغىماقتا

يېقىن كۈنلەردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار زور تۈركۈمدە كۆپەيگەن بولۇپ، خىتاينىڭ يۇقۇم باھانىسى بىلەن باستۇرۇش ۋە نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيدىغانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر كۈچەيمەكتە.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 9-ئاۋغۇست بىر كۈن ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا 122 ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى كۆپەيگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 72 بىمار غۇلجا شەھىرىدىن ئىكەن. قالغان يۇقۇملانغۇچىلار ئۈرۈمچى، تۇرپان، قومۇل، سانجى، ئالتاي قاتارلىق رايونلاردا بايقالغان.

ئۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن، يەنى 8-ئاۋغۇست 24 سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا 146 ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى بايقالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 119 بىمار غۇلجا شەھىرىدە بايقالغان. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەل بايقالمىغان بولسىمۇ، ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 536 گە يەتكەن.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا جەلپ قىلىش ئۈچۈن، ساياھەتچىلىك كەسپىنى ئالاھىدە جانلاندۇرغان بولۇپ، نۆۋەتتە يۇقۇم سەۋەبلىك كۆپلىگەن ساياھەت ئورۇنلىرى ۋە مېھمانخانىلار مۇلازىمىتىنى توختاتقان، خىتاي ساياھەتچىلەرمۇ ئاستا-ئاستا تارقاقلاشتۇرۇلۇشقا باشلىغان. ئۇندىن باشقا خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ قېتىملىق يۇقۇم دولقۇنى باھانىسى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندا ئەسلىدىنلا يۇقىرى بېسىم بىلەن داۋاملىشىۋاتقان كونتروللۇق ۋە نازارەتنى تېخىمۇ كېڭەيتىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر كۈچەيمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1144 قېتىم كۆرۈلدى
10/08/2022 13:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق