ئامېرىكا: خىتاينىڭ پات يېقىندا تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرىمەيمىز

خىتاي دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى تەيۋەن ئەتراپىدىكى مانېۋىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ پات يېقىندا تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرىمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلوسى ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ تەھدىتلىرى ۋە نارازىلىقلىرىغا قارىماي تەيۋەندە رەسمىي زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، خىتاي دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى تەيۋەن ئەتراپىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەربىي مانېۋىر باشلاپ، ھەيۋە كۆرسىتىشكە باشلىغانىدى. تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ بۇنى باھانە قىلىپ، تەيۋەنگە قورال كۈچى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا بۇ خىل ئېھتىماللىقتىن ئەندىشە قىلمايدىغانلىقى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن دۈشەنبە مۇخبىرلارنىڭ ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى، ئەمما ئەندىشە قىلمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ھەرىكەتلىرىدىن ئارتۇقىنى قىلىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۇ كۈنى ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كولىن كالمۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ تەيۋەنگە پات يېقىندا ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرىمەيدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، خىتاينىڭ نەنسى پېلوسىنىڭ زىيارىتىگە قارىتا قايتۇرغان ئىنكاسلىرىنىڭ پۈتۈنلەي مۆلچەردىكىدەك بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە: «خىتاينىڭ نۆۋەتتە قىلىۋاتقانلىرىنىڭ بىرەرسىمۇ بىزنى ھەيران قالدۇرمايدۇ» دېگەن.

مۇخبىرلار خىتاينىڭ تەيۋەن ئەتراپىدىكى زور كۆلەملىك مانېۋىرلىرىدىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ «خىتاي ئىككى يىل ئىچىدە تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلمايدۇ» دېگەن ئانالىزىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن-كىرگۈزمىگەنلىكىنى سورىغاندا، كولىن كال: «ياق» دەپ جاۋاب بەرگەن ۋە خىتاينىڭ تەيۋەننى چۆرىدىگەن ھەربىي مانېۋىرلىرىنىڭ تەيۋەن ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا زور تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇندىن باشقا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلوسى 9-ئاۋغۇست سۆزلىگەن نۇتقىدا خىتاينىڭ تەيۋەننى يېتىم قالدۇرۇشىغا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە خىتاينىڭ زور كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىرىغا قارىتا شى جىنپىڭنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ: «ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى قورقۇپ كەتكەن زومىگەرگىلا ئوخشاپ قالدى» دېگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 820 قېتىم كۆرۈلدى
10/08/2022 11:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق