خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ تەھدىت خاراكتېرلىك بايانلىرى ۋە نەنسى پېلوسىنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن ھەربىي ھەرىكەتنى تېزلىتىشى تەيۋەن تەرىپىدىن «ئىشغالىيەت»نىڭ تەييارلىقى دەپ قارالماقتا.
خىتاي ئۆتكەن ھەپتە نەنسى پېلوسىنىڭ تەيبېي زىيارىتىدىن كېيىن باشلىغان ھەربىي مانېۋىرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن، تىنچ ئوكياندىكى جىددىيچىلىك تېخىمۇ كۈچەيگەن. تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسېف ۋۇ: «خىتاينىڭ ئالدىنقى ھەپتە باشلىغان ھەقىقىي ئوق-دورا ئىشلەتكەن ھەربىي مانېۋىرى تەيۋەننى ئىشغال قىلىشنىڭ تەييارلىقى، نەنسى پېلوسىنىڭ زىيارىتىگە بولغان ئاچچىقى پەقەت بىر باھانە» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
جوسېف ۋۇ بۈگۈن ئەتىگەندە تاراتقۇلارغا خىتاب قىلىپ، خىتاي ئارمىيەسى ئالدىنقى ھەپتە باشلانغان ھەربىي مانېۋىرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن، تەيۋەننىڭمۇ ھەقىقىي ئوق-دورا ئىشلەتكەن جەڭ مانېۋىرىنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە خىتاينى خەلقئارا قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن نۆۋەتتە سۈنزىنىڭ «ئۇرۇش سەنئىتى» كىتابىدىكى تاكتىكىنى ئىشلىتىپ، كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشتىن باشقا تور ھۇجۇملىرى، تەتۈر تەشۋىقات ۋە ئىقتىسادىي جازالار ئارقىلىق تەيۋەن خەلقنىڭ مەنىۋىيىتىنى ئاجىزلىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە: «خىتاينىڭ ھەقىقىي مەقسىتى تەيۋەن بوغۇزى ۋە پۈتكۈل رايوننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت» دېگەن ئىپادىنى ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىش مۇددىئاسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.
تەيۋەنگە كۆرە، بېيجىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئاۋات توشۇش لىنىيەسىنىڭ بىرى بولغان تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇ بوغۇزنى كونترول قىلىش ۋە سېرىق دېڭىزىنى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەركىن يول يۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بولسا ھەر دائىمقىدەك: «خىتاينىڭ ھەربىي مانېۋىرىنىڭ نورمال ۋە ئوچۇق ئىكەنلىكى»نى بىلدۈرۈپ: «مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلدى. مانېۋىر دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا تولۇق رىئايە قىلىنغان ئاساستا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مانېۋىر ئىغۋاگەرلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىگىلىك ھوقۇقىمىز ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغداشنىڭ قانۇنلۇق ھەرىكىتى» دېگەن سۆزى بىلەن خىتاينىڭ پەردىلەنگەن تەھدىتىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر