تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى قارمىقىدىكى تەلىم-تەربىيە مەركەزلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2021-2022-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى 8-ئاۋغۇست ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان جەننەت كۈلتۈر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتكە ھەرقايسى مەركەزلەردە ئوقۇۋاتقان 350 ئوقۇغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى قاتناشقاندىن سىرت، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر، مۇئاۋىن رەئىس مۇھەممەد ئۆمەر قاراجىم، پەخرىي رەئىسى پىروفېسسور دوكتور جەلال ئەرباي، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. پائالىيەتتە سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفى تەلىم-تەربىيە مەركىزى قۇرۇلغان بىر يېرىم يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلەردىن قىسقىچە دوكلات بېرىلگەندىن كېيىن، ھەرقايسى مەركەزلەردىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش پىروگراممىسى تونۇشتۇرۇلدى. ئارقىدىن ھەرقايسى سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلار تەييارلىغان ھەرخىل نومۇرلار كۆرسىتىلىپ، پائالىيەتنى تېخىمۇ جانلاندۇردى.
مول مەزمۇنلۇق پائالىيەت ئىككى سائەتتىن كۆپ داۋاملاشقاندىن كېيىن تەلىم-تەربىيە مەركىزى ۋە دۆلەت مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇشتا تەقدىرنامە ئالغان ئوقۇغۇچىلار ئايرىم-ئايرىم مۇكاپاتلاندى. پائالىيەت سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ھەدىيە تەقدىم قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر