خىتاي بىلەن ياپونىيەنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلەشمەكتە

ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي بىلەن ياپونىيەنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىشكە باشلىغان بولۇپ، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۆزىنىڭ رايوندىكى قىلمىشلىرىنى ئاقلاپ، خىتاي ھەربىي پاراخوتىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدىكى پائالىيىتىنىڭ تامامەن ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 28-ئىيۇلدىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ رايوندىكى زومىگەرلىك قىلمىشلىرىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان.

بىر مۇخبىر ئۇنىڭدىن: «خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى يېقىندا سېنكاكو ئارىلى تەۋەلىكىگە كىرگەن. ياپونىيە مۇداپىئە ۋەزىرى خىتاينىڭ قىلمىشىغا قارىتا: بۇ جىددىي ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان ئۆز بېشىمچىلىق، ياپونىيە بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ ۋە بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى دائىملىق ئاگاھلاندۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى ساقلايدۇ، دېگەن. باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ياپونىيە دېڭىز ئامانلىقىنى قوغداش نازارىتى، دېڭىزدا قوغدىنىش ئەترىتى يېقىندا توكيودىكى ئىزۇ ئارىلىنىڭ شەرقىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىرلەشمە مەشىقنى قانات يايدۇرۇپ، خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىنلىشىشىدەك ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرغان. خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟» دەپ سورىغان.

ۋۇ چيەن بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ يولسىز قىلمىشلىرىنى ئاقلىغان ھالدا: «دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئاراللار ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى، خىتاينىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئىرادىسى قەتئىي ئۆزگەرمەيدۇ. خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ دياۋيۈ ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدىكى پائالىيىتى تامامەن يوللۇق، قانۇنلۇق، ياپونىيەنىڭ ئۇنى-بۇنى دېيىش ھوقۇقى يوق. بىز ياپونىيەنىڭ بارلىق ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىپ، سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى تىزگىنلەپ، دېڭىزدا كۈتۈلمىگەن ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دەپ جار سالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ خىتاينى چەكلەش ئۈچۈن ئاسىيادىكى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشى مەسىلىسىدە ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا بىلەن بۇ ساھەدە ئاكتىپ ھەمكارلاشقان. بۇ سەۋەبلىك يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي بىلەن ياپونىيەنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى جىددىيلىشىشكە باشلىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1019 قېتىم كۆرۈلدى
30/07/2022 12:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق